باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«ئۈچ بىرىنچى»نى پۇختا ياخشى تۇتايلى (شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە___ ۋەكىللەر، ئەزالار دۆلەت ئىشلىرىنى كېڭەشتى)

2018.03.15 15:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  باش شۇجى شى جىنپىڭ گۇاڭدۇڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا: تەرەققىيات بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپە، ئىختىساسلىقلار بىرىنچى بايلىق، يېڭىلىق يارىتىش بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ. جۇڭگو يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش يولىدا ماڭمىسا، يېڭى-كونا ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى ئوڭۇشلۇق ئالمىشالمايدۇ، ھەقىقىي كۈچىيەلمەيدۇ. كۈچىيىش ئۈچۈن يېڭىلىق يارىتىشقا تايىنىش، يېڭىلىق يارىتىشتا ئىختىساسلىقلارغا تايىنىش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى. ۋەكىللەر، ئەزالار مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، يۇقىرى سۈپەتتە راۋاجلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئۈزلۈكسىز يېڭى قەدەم ئېلىپ، يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرىمىز.

  «1-مۇھىم ۋەزىپە»نى چىڭ تۇتۇش كېرەك

  «شېنخۇا» نىڭشيا كۆمۈرچىلىك گۇرۇھى شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى، ۋەكىل شاۋ جۈنجې مۇنداق دېدى: تەرەققىيات بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپە، شۇنداقلا ئېلىمىزدىكى بارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئۇلى ۋە ئاچقۇچى. نىڭشيا كۆمۈرچىلىكىنىڭ كۆمۈر مېيى ئىشلەپچىقىرىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرى دۇنيادىكى يەككە يۈرۈش قۇرۇلمىسى ئەڭ چوڭ كۆمۈرنى ۋاسىتىلىك سۇيۇقلاندۇرىدىغان ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرى بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ ئېنېرگىيەگە ئۆزى كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ھازىر قىسمەن تەرەققىي قىلمىغان رايونلاردا يەنىلا ساقلاش، تايىنىش، ئېلىش ئىدىيەسى، يۆلىنىۋېلىش پىسخىكىسى ساقلانماقتا، قان بېرىشنى ساقلاش قان ھاسىل قىلىشقا يەتمەيدۇ، تەرەققىي قىلمىغان رايونلار ئۆز تەرەققىياتىنى مەۋقە قىلىپ، بىر قولدا نۆۋەتتىكى خىزمەتلەرنى ياخشى تۇتۇپ، كۆز ئالدىدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشى، بىر قولدا يىراقنى كۆزلەپ، تەرەققىيات زاپاس كۈچىنى يېتىشتۈرۈشى كېرەك. دۆلەت كۆپرەك ئىچكى تۈرتكىنى قوزغىتىش، قان ھاسىل قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش جەھەتتىن تۇتۇپ يۆلىسە.بېيجىڭ شەھىرى داشىڭ رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، ۋەكىل جۇ لىيۈەن مۇنداق دېدى: «ئەڭ قاتتىق كۈچ» بىلەن بىلەن «بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپە»نى ياخشى تۇتۇش كېرەك. يېڭى نۇسخىدىكى بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ئومۇمىي يىرىك پىلانىدا داشىڭ رايونىنىڭ بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېينىڭ ماس تەرەققىياتى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق يېتەكلەش رايونى، پايتەخت خەلقئارا ئالاقىنىڭ يېڭى ئەزاسى، شەھەر-يېزا تەرەققىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئىسلاھاتى باشلامچى رايونىدىن ئىبارەت فۇنكسىيىلىك ئورنى بېكىتىلدى. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى تەرەققىياتنى كۆزلەشتە پەقەت «قوشۇش» ئۇسۇلىنىلا قوللىنىشقا بولمايدۇ، مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا «ئېلىش» ئۇسۇلىمۇ تەرەققىياتنى كۆزلىگەنلىك ھېسابلىنىدۇ. قىسمەن تارماق، كارخانىلارنىڭ بېيجىڭنىڭ پايتەختتىن باشقا فۇنكسىيەلىرىنى تارقاقلاشتۇرۇشقا بولغان تونۇشىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يەنىمۇ جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ھازىر داشىڭ رايونىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋەزىپىسى ئېغىر، ئىسلاھاتتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش قىيىن مەسىلىسى كۆپ بولۇپ، «قوشۇش-ئېلىش ئۇسۇلى»نى يەنىمۇ كۈچەپ ياخشى ئىشلىتىپ، تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇش كېرەك.

  «بىرىنچى بايلىق»نى توپلاش كېرەك

  نۆۋەتتىكى قىسمەن ئالىي مەكتەپ ۋە پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرىدا ساقلىنىۋاتقان چەت ئەلدە ئوقۇغان ئىختىساسلىقلارنى يۇقىرى كۆرۈپ، يەرلىك ئىختىساسلىقلارنى تۆۋەن كۆرۈشتەك ئادەم ئىشلىتىش مەدەنىيىتى توغرىسىدا جېجياڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ئەزا لو ۋېيدۇڭ مۇنداق دېدى: ئىختىساسلىقلار بىرىنچى بايلىق، ئىجادىي تەرەققىيات ئۈچۈن ئىختىساسلىقلار ئاساسى سېلىش كېرەك. كېلىپ چىقىشىغا قاراپ باھا بېرىش، بەلگىسىگە قاراپ قىممىتىنى بېكىتىشتەك باھالاش ئۇسۇلى پەن قۇرۇلۇشى ۋە مائارىپ ئىشلىرىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا زىيان يەتكۈزدى. بىزنىڭ چەت ئەلدە ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلارنى ۋەتەنگە قايتىپ ئىگىلىك تىكلەشكە جەلپ قىلىشىمىز پەقەت ئۇلارنىڭ ئۈستىگە چاپلانغان «چەت ئەلدە ئوقۇغان» دېگەن بەلگە ئۈچۈنلا ئەمەس. ئېلىمىز ئالىي مائارىپ ئىشلىرىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن چوقۇم «ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش» ئەسلى مەقسىتىنى چۆرىدەپ، راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇش، بىر خىل ئۆلچەمگىلا ئېسىلىۋالماسلىقتەك توغرا ئادەم ئىشلىتىش يۆنىلىشىنى بېكىتىپ، ئىختىساسلىقلارنى باھالاش سىستېمىسىنى ھەقىقىي ياخشىلاپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەخلاقىنىڭ ياخشى-ناچارلىقى، ئىقتىدارىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكى، تۆھپىسىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى قاتارلىقلارنى ئىختىساسلىقلارنى باھالاشنىڭ ئۆلچىمى قىلىش كېرەك.

  خېنەن ئۆلكىسى باۋفېڭ ناھىيەسى داخۇاڭجۇاڭ كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، ۋەكىل ما باۋزى مۇنداق دېدى: ئاساسىي قاتلام ئىختىساسلىقلارغا ئەڭ ئېھتىياجلىق، ئىختىساسلىقلار ئەڭ كەمچىل ھەم ئىختىساسلىقلارنى ئەڭ تۇتۇپ قالالمايدىغان جاي. ئاساسىي قاتلامنىڭ شارائىتى جاپالىق، ئىختىساسلىقلارنى تۇتۇپ قالىمىز دەيدىكەنمىز چوقۇم بارلىق ئاماللارنى قوللىنىپ ئۇلارغا ياخشى بولغان ئىگىلىك تىكلەش مۇھىتى يارىتىپ بېرىشىمىز كېرەك. يۇرتىغا قايتقان ياشلار يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى مۇھىم ئىختىساسلىقلار بايلىقى، بۇ ياشلار شەھەر كۆرگەن، ئارزۇ ۋە غەيرەتكە تولغان، ئۆزى ۋە يۇرتى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشنى ئويلاپ قايتىپ كەلگەن. يۇرتىغا قايتقان ئىختىساسلىقلارغا سۇپا ھازىرلاپ، شارائىت يارىتىپ بېرىپ، «ئالاقە تورى + يېزا ئىگىلىكى»، 1-، 2-، 3-كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى قاتارلىقلار تەدبىرلەر ئارقىلىق، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىگىلىك تىكلەش مۇھىتىنى ياخشىلاپ، يېزا-كەنتلەرنى ئىختىساسلىقلار ئىنتىلىدىغان جايغا ئايلاندۇرۇش تەكلىپى بېرىمەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر