خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:
سول تەرەپتىكى سۈرەتتە: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى ياڭ چىن مۇنداق دەپ قارىدى: ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا ياردەم بېرىشتە، چوقۇم مىللىي مەدەنىيەت ۋە يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە بايلىقلارنى چوڭقۇر قېزىش لازىم.
ئوڭ تەرەپتىكى سۈرەتتە: گۈيجۇ ئۆلكىسى لىپىڭ ناھىيەسىدىكى بىر قول ھۈنەرۋەنچىلىك، زىبۇ-زىننەت دۇكىنىدا، دۇڭزۇ كەشتىچى دىڭ مىڭخۇەن ئىجادىي كۈمۈش كەشتە زەنجىرى قاتارلىق زىننەت بۇيۇملىرىنى تىزماقتا. (2-ئاينىڭ 6-كۈنى تارتىلغان).مەدەنىيەت ئىجادىيەت كەسىپلىرى راۋاجلاندۇرۇلۇپ، شۇ جايدىكى كەشتىچى، قول ھۈنەرۋەنلەرنىڭ مىللىي كەشتىچىلىك، كۈمۈش زىببۇ-زىننەت قاتارلىق لايىھەلىرىنىڭ يەرلىك مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىگە ئىگە تاۋار قىلىپ چىقىرىلىشىغا ئىلھام بېرىلىپ ۋە قوللاشقا ئېرىشىلىپ، ئاممىنىڭ كىرىمى ئاشۇرۇلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى