باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى

2018.03.11 16:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنى 10-مارت چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا 3-ئومۇمىي يىغىن ئاچتى. 14 ئەزا سىياسىي، جەمئىيەت، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، بىرلىك سەپ، سىياسىي كېڭەش خىزمىتى قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ سۆز قىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى يىغىنىنىڭ رىياسەتچىسى ۋاڭ ياڭ يىغىنغا قاتناشتى.

  لۇ جەنگۇڭ، ما بياۋ، چېن شياۋگۇاڭ يىغىننىڭ ئىجرائىيە رەئىسلىرى بولدى. يىغىنغا چېن شياۋگۇاڭ رىياسەتچىلىك قىلدى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى خۇاڭ كۈنمىڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى يۇ چۈەن ۋە ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتناشتى.

  ئەزا شاۋ خۇڭ «3-سېنتەبىر» ئىلمىي جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: 70 يىلنىڭ ئالدىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ «1-ماي شوئارى» ھەر قايسى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار، پارتىيە-گۇرۇھسىز زارلار، دېموكراتىك زاتلار ۋە ھەر قايسى تەشكىلاتلىرىنىڭ قىزغىن ئاۋاز قوشۇشىغا ئېرىشىپ، كېڭىشىپ دۆلەت قۇرۇشنىڭ مۇقەددىسىمىنى باشلىغانىدى. بۈگۈن بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، كۆپ پارتىيە ھەمكارلىقى ۋە خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئىشلىرىنىڭ يېڭى شانلىق نەتىجىلىرىنى ياراتتۇق.

  ئەزا مو رۇڭ مۇنداق دېدى: يۇقىرى سۈپەتلىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىش باسقۇچىدىن يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلىش باسقۇچىغا ئۆزگىرىشىنىڭ ئىچكى تەلىپى. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئالدىن كۆرەرلىكىنى ئاشۇرۇپ، ھەر تەرەپلىمە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئادىل ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇھىتى يارىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ ھازىرقى زامان ئىقتىساد سىستېمىسىغا بولغان تىرەكلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، خەلق كىرىمىنىڭ ماس قەدەمدە ئېشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش تەكلىپى بېرىمەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر