باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلەر 2-يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىنىڭ ھەيئەت رىياسىتى 3-يىغىن ئاچتى

لى جەنشۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

2018.03.11 16:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلەر 2-يىغىنى 10-مارت چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا قۇرۇلتاي ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى لى جەنشۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا قۇرۇلتاي كاتىبات باشقارمىسى قانۇن لايىھەسى گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى شېن چۈنياۋ قۇرۇلتاي كاتىبات باشقارمىسىنىڭ ھاۋالىسىگە ئاساسەن بەرگەن ئاساسىي قانۇننىڭ تۈزىتىلمە لايىھەسىنى قاراپ چىقىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، ئاساسىي قانۇن تۈزىتىلمىسى لايىھەسىنىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخىسىنى قاراپ چىقىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ۋە لايىھە تەكلىپىنىڭ ئاۋازغا قويۇش نۇسخىسىنى قۇرۇلتاي ھەيئەت رىياسىتى 3-يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش ماقۇللاندى.

  يىغىندا قۇرۇلتاينىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى شىن چۈنيىڭ بەرگەن قۇرۇلتاي كاتىبات باشقارمىسىنىڭ قۇرۇلتاينىڭ 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مەخسۇس كومىتېتلىرىنى تەسىس قىلىش توغرىسىدىكى قارار لايىھەسى نۇسخىسىنى ۋاكالىتەن تەييارلاش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات، قۇرۇلتاينىڭ 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مەخسۇس كومىتېتلىرىنىڭ مۇدىر ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىر ئەزالىرى، ئەزالىرى نامزاتىنى ئاۋازغا قويۇش چارىسى لايىھەسى نۇسخىسىنى ۋاكالىتەن تەييارلاش توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، بۇ ئىككى لايىھەنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا قۇرۇلتاي ھەيئەت رىياسىتى 3-يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى.

  يىغىندا يەنە قۇرۇلتاينىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى شىن چۈنيىڭ بەرگەن قۇرۇلتاي كاتىبات باشقارمىسىنىڭ ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ بېلەت نازارەتچىلىرىنى كۆرسىتىپ سايلاش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلۈپ، باش بېلەت نازارەتچىسى تەكلىپ نامزاتى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. يىغىن باش بېلەت نازارەتچىسى، بېلەت نازارەتچىلىرى ئىسىملىكى لايىھەسىنى قۇرۇلتاي ھەيئەت رىياسىتى 3-يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش ماقۇللاندى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىنىڭ ھەيئەت رىياسىتى 10-مارت چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا 3-يىغىن ئاچتى.

  ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى لى جەنشۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىنغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك كىشى 190 بولۇپ، 190 كىشى قاتناشتى، يىغىنغا قاتناشقانلارنىڭ سانى قانۇنغا بەلگىلەنگەن سانغا ئۇيغۇن.

  9-مارت چۈشتىن بۇرۇن، ھەر قايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى ئاساسىي قانۇن تۈزىتىلمىسى لايىھەسىنىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخىسىنى ئەستايىدىل قاراپ چىقتى، ۋەكىللەر ئومۇميۈزلۈك قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى ئاساسىي قانۇن تۈزىتىلمىسى لايىھەسى تەكلىپىنىڭ ئاۋازغا قويۇش نۇسخىسىنى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  يىغىندا قۇرۇلتاي كاتىبات باشقارمىسى قانۇن لايىھەسى گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى شېن چۈنياۋنىڭ قۇرۇلتاي كاتىبات باشقارمىسىغا ۋاكالىتەن بەرگەن ئاساسىي قانۇن تۈزىتىلمىسى لايىھەسىنىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخىسىنى قاراپ چىقىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق قاراپ چىقىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات، لايىھە تەكلىپىنىڭ ئاۋازغا قويۇش نۇسخىسى ۋە ھەيئەت رىياسىتىنىڭ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش نۇسخىسىنى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تەشكىلىي قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، قۇرۇلتاي كاتىبات باشقارمىسى قۇرۇلتاينىڭ 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مەخسۇس كومىتېتلىرىنى تەسىس قىلىش توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىنى ۋاكالىتەن تەييارلىدى. يىغىندا ئاۋازغا قويۇلۇش ئارقىلىق لايىھەنى ھەر قايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى.

  يىغىندا ئاۋازغا قويۇلۇش ئارقىلىق قۇرۇلتاينىڭ 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مەخسۇس كومىتېتلىرىنىڭ مۇدىر ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىر ئەزالىرى، ئەزالىرى نامزاتىنى ئاۋازغا قويۇش چارىسى لايىھەسىنى ھەر قايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر