خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: باھار كېلەي دېدى، دەل ـ دەرەخلەر بۈك باراقسان ۋە ياپيېشىل بولۇش ئالدىدا تۇرماقتا. بۈگۈن بىز « 8- مارت» خەلقئارا خانىم-قىزلار بايرىمىنىڭ 108 يىللىقىنى كۈتۈۋالدۇق. خەلق سارىيىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسى ئالدىدا، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن يىغىن مەيدانىغا كىرمەكتە.
ئايال ئەزالارنىڭ قوللىرىدا گۈل تۇتقان ۋە ئۆزئارا «بايرامغا مۇبارەك بولسۇن» دىيىشكەن ھالدا يۈزلىرى خۇشاللىققا تولغان كۆرۈنۈشلىرى بىر گۈزەل مەنزىرىگە ئايلاندى. جۇڭگولۇق بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئاياللار «جۇڭگو سالاپىتى»دە بەسلىشىپ، دۇنيادىكىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى. خۇددى بۈگۈن خەلق گېزىتى ئوبزورچىسىنىڭ ماقالىدە دېگىنىدەك، دۆلەتنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدىن ئىبارەت بۇ ئەڭ يۇقىرى سارايدا، ئايال ۋەكىللەر ۋە ئەزالارنىڭ ئۆز ۋەزىپىلىرىنى تولۇق ئادا قىلىشىدىكى گۈزەل خىسلەتلىرى بىر سوتسىيالىستىك دۆلەتنىڭ زامانىۋى مەدەنىيەت جەھەتتە يېتەلەيدىغان يۈكسەك سەۋىيەسىنى شەرھلەپ بېرەلەيدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى