باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

3-ئاينىڭ 8-كۈنى:

خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىدا دوكلاتتىكى پىلان ۋە خامچوتقا قاراپ چىقىلىدۇ

سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ 2-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ

2018.03.08 16:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنىدا 8-مارت چۈشتىن بۇرۇن ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ ئومۇمىي يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈپ، دوكلاتتىكى پىلان ۋە خامچوتقا قاراپ چىقىلىدۇ، بېلەت نازارەتچىلىكىگە نامزات كۆرسىتىلىدۇ؛ چۈشتىن كېيىن ۋەكىللەر گۇرۇپپا يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ، دوكلاتتىكى پىلان ۋە خامچوتقا قاراپ چىقىلىدۇ، ھەيئەت رىياسىتىنىڭ 2-قېتىملىق يىغىنى ئېچىلىدۇ.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنى 8-مارت چۈشتىن بۇرۇن سائەت توققۇزدا 2- ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى نىزامنامىسىنىڭ تۈزىتىلمىسى (لايىھە) توغرىسىدىكى ئىزاھاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلىدۇ، ئەزالار چوڭ يىغىندا پىكىر بايان قىلىدۇ؛ چۈشتىن كېيىن گۇرۇپپا يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈپ، سىياسىي كېڭەش نىزامنامىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىگە قاراپ چىقىلىدۇ.

  8-چېسلا چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10 دا، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنى ئاخبارات مەركىزىدە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئېچىلىپ، دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى «جۇڭگونىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتى ۋە تاشقى مۇناسىۋىتى» توغرىسىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىشكە تەكلىپ قىلىنىدۇ.

  مەملىكەتلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1- يىغىنى ئاخبارات مەركىزىدە 8-مارت چۈشتىن كېيىن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئېچىلىپ، بىر قىسىم سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلىشى ھەققىدە سۆز قىلىشقا تەكلىپ قىلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر