باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش خەلقنىڭ ئىرادىسىنى تېخىمۇ ياخشى ئىپادىلەش ئۈچۈندۇر(شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ___ ۋەكىللەر، ئەزالار دۆلەت ئىشلىرىنى ئورتاق كېڭەشتى)

- ۋەكىللەر، ئەزالار ئاساسىي قانۇن تۈزىتىلمىسى لايىھەسىنى قاراپ چىقىپ مۇزاكىرە قىلدى

2018.03.08 16:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان ۋەكىللەر، ئەزالار 7-مارت ئاساسىي قانۇن تۈزىتىلمىسى لايىھەسىنى قاراپ چىقىپ مۇزاكىرە قىلدى. ۋەكىللەر، ئەزالار مۇنداق قارىدى: ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش دۆلەتنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدىكى چوڭ ئىش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش ئومۇمىيىتى ۋە ئىستراتېگىيە يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ چىقارغان زور تەدبىرى، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى زور تەدبىر، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ گۈللەپ ياشنىشى، ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ كاپالىتى.

  پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىدىغان ئورتاق ئىدىيەۋى ئاساسىنى مۇستەھكەملەيدۇ

  ئاساسىي قانۇن تۈزىتىلمىسى لايىھەسى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئاساسىي قانۇنغا كىرگۈزۈپ، يېتەكچى ئىدىيە قىلدى. ۋەكىللەر، ئەزالار مۇنداق قارىدى: بۇ پارتىيەنىڭ تەشەببۇسى ۋە خەلق ئىرادىسىنىڭ يۈكسەك بىردەكلىكىنى ئىپادىلىدى، بۇ پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ زۆرۈر ئېھتىياجى، شۇنداقلا ئېلىمىز ئاساسىي قانۇنىنىڭ مۇكەممەللىشىشى، راۋاجلىنىشىنىڭ ئىچكى تەلىپى.

  سىچۈەن ئۆلكىسى ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ تەتقىقاتچىسى، ۋەكىل ياڭ شيەننۇڭ مۇنداق دېدى: بىر مىللەتنىڭ ئىجادكارلىقى، ئۇيۇشقاقلىقى، جەڭگىۋارلىقى ئىدىيە جەھەتتىكى ئىتتىپاقلىق، بىردەكلىككە باغلىق، بىر دۆلەت زامانىۋىلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا چوقۇم ئىلمىي نەزەرىيەنى ھەرىكەت قىبلىنامىسى قىلىشى كېرەك. يېتەكچى ئىدىيە ئوكسىگېنغا ئوخشايدۇ، كەم بولسا بولمايدۇ. پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدا ماقۇللانغان پارتىيە نىزامنامىسى تۈزىتىلمىسى لايىھەسى پارتىيە ئىچىدىكى تۈپ قانۇن شەكلىدە شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى پۈتۈن پارتىيەنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى قىلىپ بېكىتىپ، پارتىيەنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسىنىڭ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىشىنى ئىشقا ئاشۇردى. شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئاساسىي قانۇنغا كىرگۈزۈلۈشى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ئارزۇسىنى تولۇق ئىپادىلىدى، بۇ پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشىدىكى مۇھىم ئىدىيەۋى ئاساسىنى مۇستەھكەملەشتە مۇھىم رېئال ئەھمىيەت ۋە چوڭقۇر تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە.

  يۈننەن ئۆلكىسى كۈنمىڭ شەھىرى «كەررېفور» تاللا بازىرى چەكلىك شىركىتى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى، ۋەكىل چېن كېخەن مۇنداق دېدى: مەن ئاز سانلىق مىللەت، باشقا مىللەتلەر بىلەن ئۆرپ-ئادەت، يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتى جەھەتتە پەرقىمىز بار، لېكىن ئۆز ئارا ھۆرمەت قىلىپ، ئۆز ئارا كەڭ قورساق بولساقلا، ئىناق-ئىتتىپاق ئۆتەلەيمىز. ئاساسىي قانۇن تۈزىتىلمىسى لايىھەسىنىڭ مىللەتلەر مۇناسىۋىتى توغرىسىدىكى بايانىدا «مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىك، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى» دېگەن جۈملە «مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىك، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىق، ئىناقلىق مۇناسىۋىتى»گە ئۆزگەرتىلىپ «ئىناقلىق» دېگەن سۆز قوشۇلۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ دۆلەتنىڭ تىنچلىقى، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، بەختلىك تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى ئەكس ئەتتۈرۈلدى، بۇ ھەم دۆلىتىمىزنىڭ ھازىرقى مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە بولغان مۇئەييەنلەشتۈرۈش بولۇپ، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن، ئېلىمىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشىنى ئاساسىي قانۇن كاپالىتىگە ئىگە قىلىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر