باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«كۈنلىرىمىز بارغانسېرى بەختلىك ئۆتمەكتە» __ شىزاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى خەلق تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلانغانلىقىنى قىزغىن مۇزاكىرە قىلدى

2018.03.08 16:16         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: «بىز ئىشلىگەن بارلىق خىزمەتلەر خەلق ئۈچۈن، دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ خەلق تۇرمۇشىنى كۈنسېرى ياخشى قىلىش كېرەك.» يېقىنقى بىر نەچچە كۈندىن بۇيان، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتقا قاراپ چىقىش جەريانىدا، شىزاڭدىن كەلگەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ كۆپلىگەن ۋەكىللىرى بۇنىڭغا نىسبەتەن چوڭقۇر تونۇشتا بولدى، ئۇلار ئارقىمۇئارقىدىن مۇنداق بىلدۈرۈشتى: ئۆتكەن بەش يىلدا، شىزاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا تارىخىي خاراكتېرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى زور دەرىجىدە ئاشتى، تۇرمۇشى كۈنسېرى بەخىتكە تولدى.

  بۇ يىل 41 ياشقا كىرگەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى مىما گوجى شىزاڭنىڭ رىخازې شەھىرى گياڭزى ناھىيەسىدىن كەلگەن بولۇپ، دۆلەت ئېلېكتىر تورى رىخازې توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتىنىڭ توك يەتكۈزۈش-يوللاشنى تەكشۈرۈش خادىمى. مىما گوجى شىزاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنىڭ بىرىنچى سېپىدە خىزمەت قىلىۋاتقىلى 21 يىل بولغان ئېلېكتىر ئېنېرگىيە خادىمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شۈبھىسىزكى، «شىزاڭ ئېلېكتىر پەلەك يولى»نىڭ تەرەققىياتىنىڭ بىۋاسىتە شاھىدى.

  مىما گوجى مۇنداق دېدى: «2011-يىلى 12-ئاينىڭ 9-كۈنى، ئومۇمىي سېلىنمىسى 16 مىليارد يۈەندىن ئاشقان بىرىنچى <ئېلېكتىر پەلەك يولى> چىڭخەي-شىزاڭ تورلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 20-كۈنى، ئومۇمىي سېلىنمىسى 6 مىليارد 600 مىليون يۈەندىن ئاشقان ئىككىنچى «ئېلېكتىر پەلەك يولى> سىچۈەن-شىزاڭ تورلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. بۇ ئىككى «ئېلېكتىر پەلەك يولى»نىڭ پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى، شىزاڭ ئېلېكتىر تورىنىڭ ئۇزۇن مەزگىل يالغۇز ئىشلەش تارىخىنى ئۆزگەرتتى.» دۆلەتنىڭ يېزا ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز تېزلىتىشىگە ئەگىشىپ، شىزاڭنىڭ ئاساسىي تور بىلەن قاپلىنىش دائىرىسى 2007-يىلىدىكى 25 ناھىيەدىن 2017-يىلىدىكى 62 ناھىيەگە يەتكۈزۈلدى، توك بىلەن تەمىنلەش 2 مىليون 310 مىڭ ئادەمنى قاپلاپ، شىزاڭ ئاپتونوم رايونى ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ %70ىنى ئىگىلىدى.

  29 ياشقا كىرگەن جاشى جياسەن شەننەن شەھىرى چوڭياي ناھىيەسى لايۈ يېزىسىدىن كەلگەن، ئۇ شىزاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى ئىچىدىكى ئەڭ ياش ۋەكىل. ئېلىمىزدىكى 3600 نەپەر لوبا مىللىتى خەلقىنىڭ ئىچىدىكى بىرسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جاشى جياسەنگە نىسبەتەن ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلاتتا تەكىتلەنگەن «مىللىي رايونلار، نوپۇسى بىر قەدەر ئاز بولغان رايونلارنىڭ تەرەققىياتىغا بولغان قوللاشنى، مەدەنىي مىراسلارنى قوغداش، ۋارىسلىق قىلىشنى كۈچەيتىش كېرەك» دېگەن سۆزلەر ئۇنى ناھايىتى ئىلھاملاندۇردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر