باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

نامراتلارنى يۆلەشتىكى يورۇتۇش ھەرىكىتىنىڭ ئاق چۈشكەن كۆزنى داۋالاپ قايتا يورۇتۇش تۈرى يولغا قويۇلدى

2018.03.08 14:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كۆزىگە ئاق چۈشكەن ھەمدە ئارخىپ قالدۇرۇپ كارتا بېجىرگەن نامرات بىمارلارنىڭ ھەقسىز داۋالىنىشتىن بەھرىمەن بولۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى، دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى بىرلىكتە يولغا قويغان «نامراتلارنى يۆلەشتىكى يورۇتۇش ھەرىكىتى • ئاق چۈشكەن كۆزنى داۋالاپ قايتا يورۇتۇش» تۈرى يېقىندا بېيجىڭدا باشلاندى. بىگۈييۈن گۇرۇھى بىلەن گوۋۇيۈەننىڭ نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى مەسئۇللۇقىدىكى جۇڭگو نامراتلارنى يۆلەش پىدائىيلار مۇلازىمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى ئارىسىدا كېلىشىم ئىمزالاندى. باشلىنىش مۇراسىمىدا قوللىغۇچى تەرەپ ئالدى بىلەن 100 مىليون يۈەن ئىئانە قىلىپ، بۇ تۈرنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى قوللىدى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، «نامراتلارنى يۆلەشتىكى يورۇتۇش ھەرىكىتى • ئاق چۈشكەن كۆزنى داۋالاپ قايتا يورۇتۇش» تۈرى بولسا، نامراتلارنى ساغلام يۆلەشتىكى مەملىكەتلىك تۈر ھېسابلىنىدۇ. بۇ تۈر بولسا، ھۆكۈمەت تارماقلىرى تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق دوختۇرخانىلار بولسا تولۇق قۇتقۇزۇش كۈچى بىلەن تەمىنلەش ئارقىلىق داۋالاش ئۈنۈمىگە كاپالەتلىك قىلىپ، جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىكى مېھرىبان كىشىلەر بولسا، داۋاملىق تۈردە بۇ ئىشقا كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە زور كۈچ بىلەن قوللاپ كەلگەن كېلىۋاتقان بىر تۈردۇر. بۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ ئۈچ تەرەپتىن بىرى كەم بولسا بولمايدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، كۆزىگە ئاق چۈشكەن ۋە ئارخىپلىرى تۇرغۇزۇلۇپ كارتىلىرى بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەر ئىچىدە، مەملىكەت بويىچە تەخمىنەن 600 مىڭچە بىمارنى ئوپېراتسىيە قىلىپ داۋالاش زۆرۈر ئىكەن، ھەمدە پۈتكۈل تۈرنىڭ قۇتقۇزۇشقا ئايرىغان مەبلىغى بىر مىليارد 800 مىليون يۈەنگە يەتكەن. بۇ تۈرنى يولغا قويۇشتىكى ئالاقىدار ئۇچۇرلار ھۆكۈمەت تور بېكىتى ئارقىلىق ۋاقتىدا ئېلان قىلىنىپ، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر