باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى گاۋ جىدەن: تەنتەربىيەنى دۆلەتنىڭ ئىسلاھات چوڭ ئېقىمىغا ھەر تەرەپلىمە سىڭدۈرۈش كېرەك

2018.03.07 16:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى گاۋ جىدەن 6- مارت مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1- يىغىنىدىكى تەنتەربىيە ساھەسىدىكىلەرنىڭ گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىگە قاتناشتى. مۇزاكىرە جەريانىدا ئۇ مۇنداق دېدى: ئۈزلۈكسىز تەرەققىيات ئارقىلىق، جۇڭگو تەنتەربىيەسىنىڭ مەزمۇنى ناھايىتى مول بولدى، دۆلەتنىڭ ئىسلاھات ۋە تەرەققىيات چوڭ ئېقىمىغا سىڭىپ كەتتى .

  گاۋ جىدەن سۆزىدە جۇڭگو تەنتەربىيەسىنىڭ بىرقانچە تەرەققىيات باسقۇچلىرىنى ئەسلەپ ئۆتۈپ بايان قىلدى، ھەمدە ئۇنى دۆلەت تەرەققىياتىنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، تەنتەربىيەنىڭ ھەربىر تەرەققىيات باسقۇچىدا خەلقنىڭ جىسمانىي قۇۋۋىتىنى كۈچەيتىش ۋە مىللىي روھىنى كۆتۈرۈش قاتارلىق جەھەتتە جارى قىلدۇرۇلغان رولىنى بايان قىلدى.

  گاۋ جىدەن يەنە مۇنداق دېدى: ھازىر، تەنتەربىيەنىڭ مەزمۇنى تېخىمۇ مول بولدى، ئۆز ئىچىگە ئېلىنغان سەۋەبلەر ۋە ئامىللار تېخىمۇ كۆپ بولدى. مېنىڭچە، تەنتەربىيە ئاللىقاچان دۆلەتنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئىسلاھات ۋە تەرەققىيات چوڭ ئېقىمىغا ھەر تەرەپلىمە سىڭدۈرۈلۈپ، ئۇنىڭ تەسىر كۈچى ۋە رولى تېخىمۇ ئاشتى.

  كۆڭۈل بۆلۈش دەرىجىسى ناھايىتى يۇقىرى بولغان بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە قىشلىق مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تەييارلىق كۆرۈش خىزمىتىگە نىسبەتەن، گاۋ جىدەن يەنە ئۆز نەزىرى بويىچە ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ ۋە چۈشەندۈرۈپ، مۇنۇلارنى دېدى: دۇنيادا قار مۇز تەنھەرىكىتى تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر بولسا، بىرى ئۇلار جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىكىگە ئىگە، مەسىلەن، شىمالىي ياۋروپا ۋە شىمالىي ئامېرىكىدىن ئىبارەت بۇ دۆلەتلەر. ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە بىرى بولسا، دۇنيادىكى تەرەققىي تاپقان ۋە باي دۆلەتلەر. جۇڭگو قىشلىق تەنھەرىكەت تۈرلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا، ئەمەلىيەتتە ئەڭ تەرەققىي قىلغان، ئەڭ باي، ئەڭ زامانىۋى ۋە ئىقتىسادىي كۈچى بار بۇنداق دۆلەتلەر بىلەن بەسلىشىدۇ.

  گاۋ جىدەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ماھارەت تەنتەربىيەسى جەھەتتە، 2020- يىلى توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە 2022- يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ھەممىسى چوڭ سىناق ھېسابلىنىدۇ. مۇسابىقىگە تەييارلىق قىلىشنى ۋە ماھارەت تەنتەربىيە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى ھېسابقا ئالمىغاندا، تەنتەربىيە باش ئىدارىسى ئاممىنىڭ قار ـ مۇز تەنھەرىكىتىنىڭ تەرەققىيات پىلانىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن تۈزۈپ، 300 مىليون كىشىنىڭ قار ـ مۇز تەنھەرىكىتىگە قاتنىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش نىشانىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تىرىشماقتا.

  گاۋ جىدەن ئاخىردا مۇنداق دېدى: تەنتەربىيە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، ھەم ئېگىزدە تۇرۇش كېرەك، ھەمدە ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر