باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

بۇ يىل 20 نەچچە يۈرۈش قانۇن تۈزۈلىدۇ ياكى ئۇلارغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلىدۇ

2018.03.05 16:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنى 4-مارت چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، يېڭىدىن تەيىنلەنگەن قۇرۇلتاي باياناتچىسى جاڭ يېسۈي يىغىن قارالمىلىرى ۋە قۇرۇلتاي خىزمىتىگە ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدا جۇڭگولۇق ۋە چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشكە ئالاقىدار مەسىلىلەرگە جاۋاب بەرگەندە جاڭ يېسۈي مۇنداق دېدى: ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش دۆلەتنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدىكى چوڭ ئىش، ئومۇمىيەتكە مۇناسىۋەتلىك زور قانۇن چىقىرىش پائالىيىتى. بۇ قېتىملىق ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشتە ئاساسىي قانۇننىڭ قىسمەن مەزمۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش، چوڭ تۈزىتىش كىرگۈزمەسلىك پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇلۇپ، ھەم پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە ماسلىشىپ، ھەم ئاساسىي قانۇننىڭ قانۇن تەرەققىياتى قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىنىپ، ئاساسىي قانۇننىڭ ئىزچىللىقى، مۇقىملىقى ۋە نوپۇزىغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.

  مۇخبىرنىڭ 2018-يىللىق قانۇن چىقىرىش پىلانى توغرىسىدىكى سوئالىغا جاڭ يېسۈي مۇنداق جاۋاب بەردى: ھازىرقى دەسلەپكى قەدەمدىكى ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە 2018-يىلى ھەق تەلەپ قانۇن كودېكسىنىڭ ھەر قايسى قىسىملىرى، مۇناسىۋەتلىك ئايرىم باج قانۇنى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 20 نەچچە يۈرۈش قانۇن تۈزۈلىدۇ ياكى ئۇلارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلىدۇ. شۇنداقلا ھوقۇق بېرىش قارارى ۋە ئىسلاھات قارارىغا ئالاقىدار خىزمەتلەر ياخشى ئىشلىنىپ، ئەنگە ئېلىپ تەكشۈرۈش تۈزۈمى ۋە ئىقتىدار قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىدۇ. ئوچۇق ئىقتىساد يېڭى تۈزۈلمىسى ئورنىتىش تەلىپىگە ماسلىشىش ئۈچۈن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئەسلىدىكى «تاشقى مەبلەغكە ئائىت ئۈچ قانۇن»نى بىرلەشتۈرۈپ، چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشىغا تۈرتكە بولىدىغان ۋە ئۇلارنى قوغدايدىغان يېڭى ئاساسىي خاراكتېرلىك قانۇن تۈزۈشنى پىلانلىدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر