باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىنىڭ ھەيئەت رىياسىتى 1-يىغىن ئۆتكۈزدى

لى جەنشۇ قاتارلىق 10 كىشى دائىمىي رەئىسلىككە سايلاندى

2018.03.05 16:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى لى جەنشۇ 4-مارت ئۆتكۈزۈلگەن 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ 1-يىغىنىدا، ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلىكىگە سايلاندى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، چېن شى، ۋاڭ چېن، ساۋ جيەنمىڭ، جاڭ چۈنشيەن، شېن يۆيۆ، جى بىڭشۈەن، ئەركىن ئېمىرباقى، ۋەن ئېشياڭ، چېن جۇ ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلىكىگە سايلاندى.

  13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىنىڭ تەييارلىق يىغىنىدا سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەن يىغىن ھەيئەت رىياسىتى 4-مارت چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا 1-يىغىن ئاچتى. يىغىنغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك كىشى 190 بولۇپ، 187 كىشى قاتناشتى، ئۈچ كىشى قاتنىشالمىدى، يىغىنغا قاتناشقانلارنىڭ سانى قانۇنغا بەلگىلەنگەن سانغا ئۇيغۇن.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ كېڭىشىش قائىدىسىگە ئاساسەن، 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاڭ دېجياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە، يىغىندا ئالدى بىلەن يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلىرى سايلاپ چىقىلدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر