باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

بۇرچنى ئادا قىلىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش

باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلايمىز

2018.03.04 14:57         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىلاۋە

  باھار شامىلى جاھاننى يەنە قاپلاپ، ئاق گۈللۈك ماگنولىيە يەنە ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ 2017- يىلى 3- ئاينىڭ 10- كۈنى 12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5- يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقان چاغدىكى سەمىمىي تاپشۇرۇقى باشتىن- ئاخىر شىنجاڭ خەلقىنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى.


  بىر يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى پۈتۈن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى يېتەكچى، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ئاساس، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىقلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئىجتىمائىي ئىناقلىق ۋە مۇقىملىقنى قەتئىي قوغداپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ھەقىقىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىپ ۋە ئۇنى ياخشىلاپ، تىرىشىپ ھەر مىللەت ئاممىنى تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئىگە قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، بىڭتۈەننىڭ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىدە مۇھىم ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى.

  مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن» ئېچىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن، گېزىتىمىز 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1- يىغىنى ۋە سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 1- يىغىنىغا قاتناشقان ۋەكىل، ئەزالار ھەم شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى زىيارەت قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭغا بىر يىلدىن بۇيان تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى- شىمالىدا يۈزبەرگەن غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى دوكلات قىلىش مەقسىتىدە «باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلايمىز» ناملىق مەخسۇس سەھىپىنى تەسىس قىلدى.

  بۇ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن قالتىس مۇساپە.

  2017- يىلى 3- ئاينىڭ 10- كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ 12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5- يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا: شىنجاڭ ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي شىمالىدىكى مۇھىم بىخەتەرلىك توسۇقى بولۇپلا قالماي، ئىستراتېگىيەلىك ئورنى ۋە دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر ئالاھىدە بولۇپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئەھمىيىتى ناھايىتى زور، دەپ كۆرسەتتى.

  ئېنىق نىشان ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ. بىر يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، زىممىسىگە ئالغان مۇھىم سىياسىي مەسئۇلىيەت ۋە زور تارىخىي بۇرچنى تولۇق تونۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياخشى ئىشلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقىنى ئىتتىپاقلىشىپ ئىلگىرىلەپ، قىيىنچىلىقلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدىغان ھەقىقىي كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى ۋە خەلقنىڭ خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىشىدىكى ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئايلاندۇردى.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى دىلشات قىدىرخان: مەسئۇلىيەتچان، ئەمەلىيەتچىل بولۇشنىڭ ئۈلگىسى بولىمەن

  «غەمخورلۇق ۋە كۆيۈنۈش ئارقىلىق كىشىلەر قەلبىنى ئىللىتىپ، مەسئۇلىيەتچان، ئەمەلىيەتچىل بولۇشنىڭ ئۈلگىسى بولىمەن». 3- ئاينىڭ 2- كۈنى بېيجىڭغا يېتىپ كەلگەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى دىلشات قىدىرخان مۇنداق دېدى: پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدا بىر قاتار زور فاڭجېن- سىياسەتلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانى ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى. مەسئۇلىيەتچان، ئەمەلىيەتچىل بولغاندىلا، تارىخىي بۇرچىمىزنى ئادا قىلالايمىز.

  دىلشات قىدىرخان مۇنداق دېدى: ئۆتكەن بىر يىلدا، قىزىلسۇ ئوبلاستىدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئېسىدە چىڭ ساقلاپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق كاللىسىنى قوراللاندۇرۇپ، باش شۇجىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىر قاتار ئەمەلىيەتلەر ئارقىلىق ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى مۇقىملىق ۋە تەرەققىياتنىڭ پايدىسىدىن بەھرىمەن قىلدى.

  دىلشات قىدىرخان مۇنداق دېدى: 2017- يىلى قىزىلسۇ ئوبلاستىدا 12 مىڭ 730 ئائىلە، 55 مىڭ 992 كىشى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى. ھازىر مۇرەككەپ ۋەزىيەت ۋە قاتمۇقات خىرىسقا دۇچ كېلىۋتقان ئەھۋالدا، بىز باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇمىز ۋە بۇرچ تۇيغۇمىزنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئارزۇسىنى يەردە قويماسلىقىمىز كېرەك.

  يېڭى دەۋر، يېڭى تەلەپ، يېڭى بۇرچ. دىلشات قىدىرخان مۇنداق دېدى: يېڭىدىن سايلانغان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئىنتايىن ھاياجانلاندىم، شۇنداقلا زىممەمدىكى مەسئۇلىيەتنىڭ ئېغىرلىقىنى، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى مەڭگۈلۈك كۈرەش نىشانى قىلىپ، بۇرچ تۇيغۇسىنى، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، مىنۇت- سېكۇنتنى قولدىن بەرمەيدىغان روھ بىلەن قىيىن ئۆتكەللەرنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كېرەكلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم.

  دىلشات قىدىرخان مۇنداق دېدى: قىزىلسۇ ئوبلاستى بۇ يىل مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتى بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرىدۇ. قىزىلسۇ ئوبلاستى ئاتۇش شەھىرى بىلەن ئاقتۇ ناھىيەسىنى ئاساسىي جەڭگاھ قىلىپ، 20 ئېغىر نامرات يېزا، 141 ئېغىر نامرات كەنت، تېخى نامراتلىقتىن قۇتۇلمىغان 13 مىڭ 698 نوپۇسنى ئوبلاست بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ مۇھىم ئوبيېكتى قىلىپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، ئېغىر نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ قاتتىق جەڭدە قەتئىي غەلىبە قىلىدۇ.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئەزاسى يۈ مېي: باش نىشاننىڭ يېتەكچىلىكىدە مەسئۇلىيىتىمنى تولۇق ئادا قىلىمەن

  يۈ مېي مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنى تەربىيەلەشكە قاتناشقاندا خەلق سارىيىغا كىرگەندىكى تەسىراتىنى مۇنداق تەسۋىرلىدى: ھەممىمىز روھلىنىپ كەتتۇق! شۇ دەقىقىدە شىنجاڭ بېيجىڭدىن يىراقتا بولسىمۇ، لېكىن پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى، پارتىيە ئەزالىرى ۋە ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ قەلبىنىڭ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن زىچ باغلانغانلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدىم.

  يۈ مېي مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىغا باشتىن- ئاخىر كۆڭۈل بۆلۈپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئەھمىيىتىنىڭ زورلىقىنى تەكىتلەپ، 1 مىليون 660 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر زېمىنغا نۇرغۇن يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلدى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ داۋالاش- سەھىيە ئىشلىرى تېز تەرەققىي قىلدى، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىنىڭ سەھىيە شارائىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، خەلقنىڭ ساغلاملىق سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆستى... شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ھازىر شىنجاڭ قولغا كەلتۈرگەن ھەر بىر ئىلگىرىلەش ۋە نەتىجە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۇرمۇشىدىكى ھەر بىر خۇشاللىنارلىق ئۆزگىرىش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ۋە مەدەت بەرگەنلىكىنى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىدۇ.

  يۈ مېي مۇنداق دېدى: شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما زىممىمىزدىكى ئېغىر ۋەزىپىنى باشتىن- ئاخىر ئېسىمىزدە چىڭ ساقلاپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى يەردە قويمايمىز.

  يۈ مېي مۇنداق دېدى: ئومۇمىي خەلق ساغلام بولمىسا، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە يەتكىلى بولمايدۇ. بىز تېببىي خادىملار بۇرۇنقىدەكلا تولۇپ تاشقان روھىي ھالەت، ياخشى كەسىپ ئەخلاقى بىلەن كەسىپنى كۆڭۈل قويۇپ تەتقىق قىلىپ، تېببىي ئەخلاق جەھەتتىكى تەربىيەلىنىشنى كۈچەيتىپ، خەلقنى كېسەل ئازابىدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن كۆپرەك تۆھپە قوشۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.

  ئۇلۇغچات ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ خۇڭشۈ: تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارلاق سەھىپە ئاچىمىز

  ئۇلۇغچات ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ خۇڭشۈ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5- يىغىنىدا شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى ۋە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە سەمىمىي غەمخورلۇق قىلىدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى. بىر يىلدىن بۇيان، ئۇلۇغچات ناھىيەلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ۋە ج ك پ 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 1-، 2-، 3- ئومۇمىي يىغىنى روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە، كۈچلۈك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن مۇقىملىق، تەرەققىيات خىزمىتىگە ئاتلىنىپ، تىرىشىپ ئۇلۇغچات ناھىيەسىنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئاچتى.

  ۋاڭ خۇڭشۈ مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىدا جەنۇبىي شىنجاڭغا قاراش كېرەك، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىنى ساقلاش پۈتۈن شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۇلۇغچات ناھىيەسى بىر يىلدىن بۇيان دىققەتنى قەتئىي تەۋرەنمەي باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، كۈچلۈك ئىرادە بىلەن «بىرىكمە مۇشت»نى ياخشى ئاتتى، جەمئىيەت قاتلىمىدىن ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش تورىنى ئۈزلۈكسىز چىڭىتىپ، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى ساقلىدى.

  ۋاڭ خۇڭشۈ مۇنداق دېدى: بىر يىلدىن بۇيان، ئۇلۇغچات ناھىيەسى باش شۇجىنىڭ پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھەر مىللەت ئاممىغا ھېس قىلدۇرۇش توغرىسىدىكى ھاۋالىسى بويىچە «توققۇز تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش» قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، مالىيە چىقىمىنىڭ %70تىن كۆپرەكىنى خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشقا ئىشلىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، بىر ئىشقا ئۇلاپ يەنە بىر ئىشنى بېجىرىپ، يىلغا يىلنى ئۇلاپ ئىشلەپ، جامائەت مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرگەچكە، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆستى، ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيدى، يېزىلارنىڭ جامائەت مۇلازىمەت ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز ئاشتى، دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى مۇقىم ئاشتى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى تېخىمۇ ئېشىپ، كۈچلۈك ئۇيۇشۇش كۈچى ۋە مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچى شەكىللەندى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر