باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى بەش يىل ئىچىدە 40 مڭدىن ئارتۇق تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدى

2018.03.03 15:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خەلقنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقلىرىنى ئۈستىگە ئىلىپ، مەسئۇلىيەتلىرىنى ئەستايىدىل ئادا قىلدى. بەش يىلدىن بۇيان، 12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى 41مىڭ 353 پارچە تەكلىپنى سۇنغان بولۇپ،ھازىر بۇ تەكلىپلەرنىڭ ھەممىسى بېجىرىلىپ بولدى، ھەمدە ھەر قايسى بېجىرگۈچى ئورۇنلار تەرىپىدىن ۋەكىللەرگە جاۋاب قايتۇرۇلدى. بۇنى مۇخبىر يېقىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئىشخانىسىدىن ئىگىلىگەن.

  مۇخبىر يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ۋەكىللەرنىڭ تەكلىپلىرىنى رەتلىگەندە بايقىشىچە، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى كۆپىنچە تەكلىپلەر دۆلەتنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات ۋە مۇقىملىق ئومۇمىيىتى ھەمدە خەلق ئاممىسى ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ، مەخسۇس تېما بويىچە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، سۆھبەت ۋە زىيارەت قىلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق خەلق رايىنى كەڭ دائىرىدە توپلاش بىلەن شەكىللەندۈرۈلگەن. ۋەكىللەرنىڭ يېقىنقى ئىككى يىلدىكى تەكلىپلىرىنى مىسالغا ئالساق،12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنى مەزگىلىدە، ۋەكىللەر سۇنغان تەكلىپلەر « 13- بەش يىللىق» يىرىك پىلان پىروگراممىسىنى تۈزۈش ۋە يولغا قويۇش، تەمىنلەشتىكى يانداش قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، كۈچلۈك دۆلەت ئىستراتېگىيەسى تۈزۈشنى يولغا قويۇش، رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئالاقە تورى پۇل مۇئامىلىسىنىڭ تەرەققىياتىنى قېلىپلاشتۇرۇش قاتارلىقلار مەزمۇنلارغا چېتىلغان؛بەش قېتىملىق يىغىن مەزگىلىدە، ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ نامىدا سۇنۇلغان تەكلىپلەر بولسا، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش قاتارلىق جەھەتلەرگە چېتىلغان.

  يەنە ئىگىلىنىشىچە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەش يىلدا جەمئىي 91 تۈرلۈك نۇقتىلىق ھەيدەكچىلىك قىلىش تەكلىپىنى بېكىتكەن بولۇپ، بۇنىڭدىن 860 پارچىسى كونكرېت تەكلىپلەر ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، 12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5- يىغىنى مەزگىلىدە، نۇقتىلىق ھەيدەكچىلىك قىلىپ بېجىرىلگەن تەكلىپلەردىن جەمئىي 20 تۈرلۈك تەكلىپ بېكىتىلگەن، بۇنىڭدىن 146 پارچىسى كونكرېت تەكلىپلەر ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، ئۇ تەكلىپلەر 53 بېجىرگۈچى ئورۇننىڭ نۇقتىلىق بېجىرىشىگە تاپشۇرۇلغان، ھەمدە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئالتە مەخسۇس كومىتېتىنىڭ ئۇلارنىڭ بېجىرىلىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىشقا مەسئۇل بولۇشىغا تاپشۇرۇلغان. نەتىجىدە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئىشخانىسى ئالاقىدار تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە تەشكىللەش ۋە ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، بىرلىكتە كۈچ چىقىرىپ بېجىرىشنى شەكىللەندۈرۈش ئارقىلىق، ئۇ تەكلىپلەرنىڭ بېجىرىلىش ئۈنۈمى ئۆستۈرۈلگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر