باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەننىڭ 36 تۈرلۈك يىللىق كۆرسەتكۈچ ۋەزىپىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاندى

2018.03.02 15:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن ھارپىسىدا، گوۋۇيۈەن 1-مارت 2017-يىللىق «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»تىكى مىقدارلاشتۇرۇلغان كۆرسەتكۈچ ۋەزىپىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالى جەدۋىلىنى سىرتقا ئېلان قىلىپ، 36 تۈرلۈك كۆرسەتكۈچ ۋەزىپىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىغانلىقىنى جاكارلىدى.

  دوكلاتتا ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى(GDP)نى %6.5 ئەتراپىدا ئاشۇرۇش نىشانى ئوتتۇرىغا قويۇلغانىدى، ئەمەلىيەتتىكى «نەتىجە جەدۋىلى»دە كۆرسىتىلىشىچە، بۇلتۇر GDP تۇنجى قېتىم 80 تىرىليون يۈەنلىك چوڭ ئۆتكەلنى بېسىپ ئۆتۈپ، 82 تىرىليون 712 مىليارد 200 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.9 ئېشىپ، يىللىق كۆزلىمە نىشانغا ئۇيغۇن كەلگەن. دوكلاتتا، 2017-يىلى شەھەر-بازارلاردا 11 مىليوندىن ئارتۇق كىشىنى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، شەھەر-بازارلاردا تىزىمغا ئېلىنغان ئىشسىزلىق نىسبىتىنى %4.5 ئىچىدە تىزگىنلەش ئوتتۇرىغا قويۇلغانىدى. ئەمەلىيلەشتۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇلتۇر مەملىكەت بويىچە شەھەر-بازارلاردا 13 مىليون 510 مىڭ كىشى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلىشىپ، يىل ئاخىرىدا شەھەر-بازارلاردا تىزىمغا ئېلىنغان ئىشسىزلىق نىسبىتى %3.90 بولۇپ، يىللىق كونترول قىلىش نىشانىنىڭ ئىچىدە بولغان.

  باجنى كېمەيتىپ، ھەقنى تۆۋەنلىتىش جەھەتتە، دوكلاتتا 2017-يىلى كارخانىلارنىڭ باج يۈكىنى 350 مىليارد يۈەن ئەتراپىدا يېنىكلىتىپ، كارخانىلارغا چېتىلىدىغان ھەقتىن 200 مىليارد يۈەن كېمەيتىش ئوتتۇرىغا قويۇلغانىدى. ئەمەلىيەتتە، بۇلتۇر پۈتۈن يىلدا يېڭىدىن كېمەيتىلگەن باج 380 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ، تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ھەق يۈكىنىڭ 643 مىليارد 400 مىليون يۈەن كېمىيىشى مۆلچەرلىنىپ، مۆلچەردىن ئاشقان.

  ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقىنى تۈگىتىش جەھەتتە، دوكلاتتا 2017-يىلى پولات-تۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى 50 مىليون توننا ئەتراپىدا ئازايتىش، كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى 150 مىليون توننىدىن ئارتۇق ئازايتىش، شاللاش، توختىتىش، قۇرۇشنى ئاستىلىتىش ئارقىلىق كۆمۈر ئېلېكتىر ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى 50 مىليارد كىلوۋاتتىن ئارتۇق ئازايتىش ئوتتۇرىغا قويۇلغانىدى.

  ئەمەلىيلەشتۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇلتۇر مەملىكەت بويىچە پولات-تۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى 50 مىليون توننىدىن ئارتۇق ئازايتىلغان، ئوشۇقچە كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى 250 مىليون توننا ئازايتىلغان، شاللاش، توختىتىش، ئاستىلىتىش ئارقىلىق كۆمۈر ئېلېكتىر ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى 65 مىليارد كىلوۋات ئازايتىلىپ، ئالاقىدار نىشان-ۋەزىپىلەر نورمىدىن ئاشۇرۇپ تاماملانغان.

  خەلق تۇرمۇشى جەھەتتە، دوكلاتتا 2017-يىلى 6 مىليون يۈرۈش كەپە ئۆينى ئۆزگەرتىش، يېزىلاردىكى 10 مىليوندىن ئارتۇق نامرات ئاھالىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، 200 مىڭ كىلومېتىر يېزا يولىنى ياساش، ئۆزگەرتىش بېكىتىلگەنىدى. بۇلتۇر مەملىكەت بويىچە 6 مىليون 90 مىڭ يۈرۈش كەپە ئۆي ئۆزگەرتىلدى، يېزىلاردىكى 12 مىليون 890 مىڭ نامرات ئاھالە نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، 285 مىڭ كىلومېتىر يېزا يولى يېڭىدىن ياسالدى ۋە ئۆزگەرتىلدى.

  ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش جەھەتتە، دوكلاتتا 2017-يىلى گۈڭگۈرت ( Ⅳ ) ئوكسىد، ئازوت ئوكسىدى قويۇپ بېرىش مىقدارىنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا %3 كېمەيتىش، 12 مىليون مودىن ئارتۇق يەرنى تېرىلغۇدىن ئورمان ۋە ئوتلاققا قايتۇرۇش بېكىتىلگەنىدى.

  ئەمەلىيلەشتۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇلتۇر مەملىكەت بويىچە گۈڭگۈرت ( Ⅳ ) ئوكسىد قويۇپ بېرىش مىقدارى %8.0، ئازوت ئوكسىدى قويۇپ بېرىش مىقدارى %4.9 تۆۋەنلىگەن، 12مىليون 300 مىڭ مودىن ئارتۇق يەرنى تېرىلغۇدىن ئورمان ۋە ئوتلاققا قايتۇرۇش تاماملانغان.

  36 تۈرلۈك كۆرسەتكۈچ ۋەزىپە يەنە مەركەز مالىيەسىنىڭ نامراتلارنى يۆلەش مەخسۇس مەبلىغىنى %30تىن ئارتۇق ئاشۇرۇش، ئادەتتىكى چىقىمنى %5تىن تۆۋەن بولمىغان نىسبەت بويىچە ئازايتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ۋەزىپىلەرنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملانغانلىقى، ھۆكۈمەتنىڭ سۆزىگە ئەمەل قىلىدىغانلىقى، قىلغان ئىشىدا چوقۇم نەتىجە قازىنىدىغانلىقىنى ئىنتايىن ياخشى نامايان قىلدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر