باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2017-يىلى، ئېلىمىزنىڭ GDPسى %6.9ئېشىپ، دۇنيا GDPسىنىڭ %15ىنى ئىگىلىدى

2018.03.01 16:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت ستاتىستىكا ئىدارىسى 28-فېۋرال 2017-يىللىق ئېلىمىز خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ ئىستاتىستىكا ئاخباراتىنى ئېلان قىلىپ، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلىرى، يېڭى يارقىن نۇقتىلىرىنى ئەكس ئەتتۈردى.

  دەسلەپكى ھېسابلاشقا ئاساسلانغاندا، پۈتۈن يىللىق ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى [2] 82تىرىللىئون 712مىليارد 200مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.9ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە 1-كەسىپنىڭ ئېشىش قىممىتى 6تىرىللىئون 546مىليارد 800مىليون يۈەن بولۇپ، %3.9ئاشقان؛ 2-كەسىپنىڭ ئېشىش قىممىتى 33تىرىللىئون 462مىليارد 300مىليون يۈەن بولۇپ، %6.1ئاشقان؛ 3-كەسىپنىڭ ئېشىش قىممىتى 42تىرىللىئون 703مىليارد 200مىليون يۈەن بولۇپ، %8.0ئاشقان. 1-كەسىپتە ئاشقان قىممەتنىڭ دۆلەت ئىچى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى %7.9، 2- كەسىپتە ئاشقان قىممەتنىڭ دۆلەت ئىچى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى %40.5، 3-كەسىپتە ئاشقان قىممەتنىڭ دۆلەت ئىچى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى %51.6بولغان. پۈتۈن يىللىق ئەڭ ئاخىرقى ئىستېمال چىقىمىنىڭ دۆلەت ئىچى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىگە قوشقان تۆھپە نىسبىتى %58.8، كاپىتال شەكىللىنىش ئومۇمىي سوممىسىغا قوشقان تۆھپە نىسبىتى %32.1، مال ۋە مۇلازىمەت ئىمپورت-ئېكسپورتقا قوشقان تۆھپە نىسبىتى %9.1بولغان. پۈتۈن يىللىق كىشى بېشى ئوتتۇرىچە دۆلەت ئىچى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 59مىڭ 660يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقىدىن %6.3ئاشقان. پۈتۈن يىللىق خەلق ئىگىلىكى ئومۇمىي كىرىمى [3] 82تىرىللىئون 501مىليارد 600مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقىدىن %7.0ئاشقان.

  ئاخباراتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2017-يىلى، ئېلىمىزنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 82تىرىللىئون 700مىليارد يۈەنگە يەتكەن، يىللىق ئوتتۇرىچە پېرېۋوت نىسبىتى بويىچە سۇندۇرۇپ ھېسابلىغاندا دۇنيا ئىقتىسادىدا ئىگلىگەن نىسبىتى %15ئەتراپىدا بولۇپ، دۇنيا بويىچە 2-ئورۇندا مۇقىم تۇرغان؛ دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا قوشقان تۆھپە نىسبىتى %30ئەتراپىدا بولۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنى مۇقىم جانلاندۇرۇشتىكى مۇھىم ماتورغا ئايلانغان.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر