باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى سوت ساھەسى ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىشكە دائىر بىر قانچە مەسىلە توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى

2018.02.28 15:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى سوت ساھەسى ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىشكە دائىر بىر قانچە مەسىلە توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ جايلار، تارماقلاردىن ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

  «بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى سوت ساھەسى ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىشكە دائىر بىر قانچە مەسىلە توغرىسىدىكى پىكىر»نىڭ تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

  بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش يېڭىلىق يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈشتىكى ئاساسلىق ۋاستە، يېڭىلىق يارىتىش تۈرتكىسىنىڭ تۈپ كاپالىتى، خەلقئارا رىقابەت كۈچىنىڭ يادرولۇق ئامىلى. خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى سوت خىزمىتى يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش، ئىقتىساد، جەمئىيەت، مەدەنىيەت ئىشلىرىنىڭ راۋاجلىنىشى ۋە گۈللىنىشى، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا ئومۇمىيەتكە چېتىشلىق بولۇپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىدا كۈچلۈك دۆلەت ۋە دۇنيا بويىچە پەن- تېخنكىدا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسى ۋە دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىستراتېگىيەسىىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى ئىجاد قىلىش، قوغداش، پايدىلىنىشنى كۈچەيتىپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى سوت ساھەسىنىڭ تەرەققىياتىدىكى تۈزۈلمە- مېخانىزم توسالغۇسىنى تازىلاپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى سوتىنىڭ يېڭىلىق يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈش، يېڭىلىق يارىتىشنى قوغداش، پەن –تېخنىكىنىڭ راۋاجلىنىشى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى فونكسىيەلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، تۆۋەندىكىدەك پىكىر ئوتتۇرىغا قويۇلدى:

  بىرىنچى، ئومۇمىي تەلەپ

  يېتەكچى ئىدىيە

  پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «بەش بىر گەۋدە» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماسلاشتۇرۇپ ئىلگىرى سۈرۈش تەلىپىگە ئاساسەن، «تىرىشىپ ھەر بىر قانۇن يۈرگۈزۈش دېلوسىدا خەلق ئاممىسىغا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ھېس قىلدۇرۇش» نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، خەلق ئۈچۈن قانۇن يۈرگۈزۈش، قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى سوت ساھەسىنىڭ ئىسلاھاتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قانۇن يۈرگۈزۈش جەھەتتە قوغداشتىكى يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، « بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنىڭ ئۆزى يېڭىلىق يارىتىشنى قوغداش» دېگەن ئىدىيەنى تۇرغۇزۇپ، پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ قانۇنچىللىق مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «ئىككى 100 يىل» كۈرەش نىشانىغا يېتىش ۋە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىدا كۈچلۈك دۆلەت، دۇنيادا پەن-تېخنىكدا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك قانۇن يۈرگۈزۈش كاپالىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر