باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئاساسىي قانۇنغا قەسەم بېرىش تۈزۈمىنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە مۇۋاپىق تۈزىتىش كىرگۈزۈلىدۇ

قەسەم بېرىش مۇراسىمىدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئېيتىش كېرەك

2018.02.24 16:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 23-فېۋرال ئېچىلغان 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 33-قېتىملىق يىغىنىدا، ئاساسىي قانۇنغا قەسەم بېرىش تۈزۈمىنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە مۇۋاپىق تۈزىتىش كىرگۈزۈش مۇزاكىرە قىلىنىپ، مەمۇرىي تەپتىش كومىتېتىنىڭ تەركىبىدىكى ئەزالار قانۇن بويىچە ۋۇجۇدقا كەلگەندىن كېيىن ئاساسىي قانۇنغا قەسەم بېرىشى، قەسەم بېرىش مۇراسىمىدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئېيتىشى كېرەكلىكى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. ئاساسىي قانۇنغا قەسەم بېرىش قەسەمنامىسىدىكى كۈرەش نىشانىغا ئالاقىدار بايانمۇ «باي، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق، گۈزەل بولغان سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلايلى!» دەپ تۈزىتىلىدۇ.

  2015-يىلى 1-ئىيۇل 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 15-قېتىملىق يىغىنىدا «مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئاساسىي قانۇنغا قەسەم بېرىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى قارارى» ماقۇللىنىپ، قانۇن چىقىرىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئېلىمىزنىڭ ئاساسىي قانۇنغا قەسەم بېرىش تۈزۈمى ئورنىتىلدى. بۇ قېتىملىق تۈزىتىش كىرگۈزۈشتە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە ج ك پ 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەت مەمۇرىي تەپتىش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ تەلىپىگە ماسلىشىپ، ئاساسىي قانۇنغا قەسەم بېرىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاساسىي قانۇن روھىنى يەنىمۇ ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاساسىي قانۇننىڭ نوپۇزىنى نامايان قىلىش مەقسەت قىلىنغان.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇنچىلىق خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ يۇڭ كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن ئالاقىدار تۈزىتىش كىرگۈزۈش دەسلەپكى لايىھەسىگە ئىزاھات بەرگەندە مۇنداق دېدى: پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ تارىخىي ئورنى، ئېلىمىز تەرەققىياتىنىڭ يېڭى كۈرەش نىشانى بېكىتىلىپ، دۆلەت مەمۇرىي تەپتىش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دۆلەت مەمۇرىي تەپتىش قانۇنى تۈزۈشكە يېڭى تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ج ك پ 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 2-ئومۇمىي يىغىنىدا «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئاساسىي قانۇندىكى قىسمەن مەزمۇنلارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپى» ماقۇللىنىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن مۇھىم نەزەرىيەۋى قاراش ۋە مۇھىم فاڭجېن-سىياسەتلەرنى دۆلەتنىڭ تۈپ قانۇنىغا كىرگۈزۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىدىكى يېڭى نەتىجە، يېڭى تەجرىبە، يېڭى تەلەپلەرنى نامايان قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر