باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 33- قېتىملىق يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى

يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى تىزىسى قاراپ چىقىلىپ، 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1- يىغىنىنى ئېچىشقا تەييارلىق قىلىندى، يىغىنغا جاڭ دېجياڭ رىياسەتچىلىك قىلدى

2018.02.24 16:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 33- قېتىملىق يىغىنى 23- فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ «خەلق سارىيى»دا ئېچىلدى. يىغىنغا كومىتېت باشلىقى جاڭ دېجياڭ رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىنغا دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەردىن 158 كىشى قاتناشتى، يىغىنغا قاتناشقانلار سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

  پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ۋە ج ك پ 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلەت مەمۇرىي تەپتىش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلىشىپ، ئاساسىي قانۇنغا قەسەم بېرىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاساسىي قانۇن روھىنى يەنىمۇ ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاساسىي قانۇننىڭ نوپۇزىنى گەۋدىلەندۈرۈش ئۈچۈن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىدا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئاساسىي قانۇنغا قەسەم بېرىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش قارارىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش دەسلەپكى لايىھەسىنى قاراپ چىقىشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ ھاۋالىسىگە ئاساسەن، خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇنچىلىق خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ يۇڭ چۈشەنچە بەردى.

  پاي تارقىتىشنى ئەنگە ئېلىش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، كاپتال بازىرىنىڭ ئەمەلىي گەۋدىلىك ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىش ئاساسىي ئىقتىدارىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، گوۋۇيۈەن پاي تارقىتىشنى ئەنگە ئېلىش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇش داۋامىدا، گوۋۇيۈەنگە ئاكسىيە قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنى تەڭشەپ تەدبىقلاش ھوقۇقى بېرىش مۇددىتىنى ئۇزارتىش توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىنى قاراپ چىقىشقا سۇنۇشقا ئالاقىدار تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدى. گوۋۇيۈەننىڭ ھاۋالىسى بىلەن جۇڭگو ئاكسىيە نازارەتچىلىكى ۋە باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ رەئىسى ليۇ شىيۈ چۈشەنچە بەردى.

  13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1- يىغىنىنى ئېچىشقا تەييارلىق كۆرۈش بۇ قېتىمقى دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ بىر مۇھىم ۋەزىپىسى. شۇڭا يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى تىزىسى قاراپ چىقىلدى، كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1- يىغىنىنىڭ قارالما لايىھەسى، ھەيئەت رىياسىتى ۋە باش كاتىپ ئىسىملىكى لايىھەسى، يىغىنغا سىرتتىن قاتنىشىدىغانلار ئىسىملىكى لايىھەسى قاتارلىقلارنى قاراپ چىقىشقا سۇنۇش تەكلىپى قاراپ چىقىلدى.

  يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى شىن چۈنيىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭىنىڭ 13- نۆۋەتلىك مەملىكەت خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى سايلاش خىزمىتى ئەھۋالى ھەققىدە بەرگەن دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى سايلاش خىزمىتىدە، پارتىيە رەھبەرلىكىدە، دېمۇكراتىيەنى جارى قىلدۇرۇشتا، قەتئىي قانۇن بويىچە ئىش بېجىرىشتە، نۆۋەت ئالمىشىش ئىنتىزامى چىڭىتىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، 2018- يىلى 1-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە 35 سايلام ئورنىدا 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2980 ۋەكىلى سايلاپ چىقىلدى. ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى كەڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە بولۇپ، ھەرقايسى رايون، ھەرقايسى مىللەت ۋە ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مۇۋاپىق ساندا ۋەكىلى بولۇش تەلىپىگە كاپالەتلىك قىلىندى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر