باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

قانۇنغا خىلاپ بەش خىل ساختا ئىنتېرنېت ئېلانلىرى نۇقتىلىق تۈزىتىلىدۇ

2018.02.22 16:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش باش ئىدارىسى يېقىندا ئالاقە تورىدىكى ئېلانلارنى مەخسۇس تۈزەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشنى ئېلان قىلدى. بۇنىڭدا قانۇنغا خىلاپ بەش خىل ساختا ئىنتېرنېت ئېلانلىرى نۇقتىلىق تۈزىتىلىدىغان بولۇپ، بۇلار تور بېكىتى، ئىزدەش موتورى، ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى، كۆچمە ئابونت تېرمىنالى ۋە يېڭى تاراتقۇ ئاكونتلىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  نۇقتىلىق تەرتىپكە سېلىنىدىغان قانۇنغا خىلاپ بەش خىل ساختا ئىنتېرنېت ئېلانلىرى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: يۆنىلىش مەسىلىسىگە چېتىلىدىغان، دۆلەتنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان قانۇنغا خىلاپ ئىنتېرنېت ئېلانلىرى؛ خەلق ئاممىسىنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكى، تەن ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان يېمەكلىك، ساغلاملىق يېمەكلىكى، داۋالاش، دورا، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ ساختا ئىنتېرنېت ئېلانلىرى؛ تەركىبىدە ئالدامچىلىق، ئىستېمالچىلارنى قايمۇقتۇرىدىغان مەزمۇنلار بار، خەلق ئاممىسىنىڭ مال-مۈلۈك مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان پۇل مۇئامىلە مەبلەغ سېلىش، سودىگەر چاقىرىش، يىغىپ ساقلانغان بۇيۇم قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ ساختا ئىنتېرنېت ئېلانلىرى؛ جامائەت تەرتىپىگە دەخلى-تەرۈز يەتكۈزىدىغان، ئىجتىمائىي ياخشى كەيپىياتقا خىلاپ بولغان، ناچار ئىجتىمائىي تەسىر كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىسمانىي، روھىي ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان قانۇنغا خىلاپ ساختا ئىنتېرنېت ئېلانلىرى؛ جەمئىيەتتىكى ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك باشقا قانۇنغا خىلاپ ساختا ئىنتېرنېت ئېلانلىرى قاتارلىقلار.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك سودا ـ سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ۋە بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى قانۇن ئىجرا قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئىنتېرنېت ئېلانلىرىدىكى تىپىك دېلو مىساللىرىنى ئاشكارىلاپ، ئىناۋەت بويىچە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىنتېرنېت ئېلانلىرىدىكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى مەمۇرىي جازالاش ئۇچۇرلىرىنى تولۇق ئېلان قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەمدە ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە، نۇقتىلىق ئالاقە تورى ئېلان دېلولىرىغا قارىتا بىرلەشمە قانۇن ئىجرا قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، بىرلەشمە جازالاش- تەنبىھ بېرىشنى يولغا قويۇش ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تەشۋىقات ئارقىلىق يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، جەمئىيەتنى ئالاقە تورى ئېلان تەرتىپىنى كەڭ دائىرىدە نازارەت قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر