باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو خامۇشلۇق كېسىلى تەتقىقاتىدا زور بۆسۈش ھاسىل قىلىندى

2018.02.22 16:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جېجياڭ ئۇنىۋېرسىتېتى خۇ خەيلەن كوللېكتىپى خامۇشلۇق كېسىلى تەتقىقاتىدا زور بۆسۈش ھاسىل قىلدى. 2-ئاينىڭ 15-كۈنى داڭلىق ژۇرنال «تەبىئەت» ژۇرنىلىنىڭ مەزكۇر سانىدا بۇ كوللېكتىپنىڭ ئىككى پارچە تەتقىقات ماقالىسى ئېلان قىلىنىپ، خامۇشلۇق مولېكولالىرىغا تېز تاقابىل تۇرۇشنىڭ رول مېخانىزمى كۆرسىتىپ بېرىلدى، خامۇشلۇق كېسىلىگە ئالاقىدار كېسەلگە گىرىپتار بولۇش قانۇنىيىتىنى بىلىش ئىلگىرى سۈرۈلدى ھەم خامۇشلۇق كېسىلىگە تاقابىل تۇرۇشتىكى يېڭى دورىلارنى تەتقىق قىلىپ ياساشنى يېڭى نىشانلارغا ئىگە قىلدى.

  ھازىرقى جەمئىيەتتە خامۇشلۇق كېسىلى ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇشىدىكى ئەڭ ئېغىر روھىي كېسەللىكلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى، دۇنيادا بۇنداق كېسەلگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى %11. تەتقىقاتلارغا قارىغاندا، چوڭ مېڭىدىكى ئالاھىدە ئورۇننىڭ ئالاھىدە زەرەت قويۇپ بېرىش ئەندىزىسى بىلەن خامۇشلۇق كېسىلىنىڭ مۇناسىۋىتى بارلىقى بايقالغان ھەم دورا نىشانى قىلىشقا تېخىمۇ ئۇيغۇن كېلىشى مۇمكىن بولغان «خامۇشلۇق مولېكۇلاسى» تېپىلغان.

  بۇ تەتقىقاتتا چوڭ مېڭە سىرتقى قەۋىتىدىكى تېزگىن يادروسىنىڭ ئالاھىدە زەرەت قويۇپ بېرىش ئۇسۇلى _ دەستىسىمان زەرەتلىنىشنىڭ خامۇشلۇق كېسىلى بولۇشنىڭ تولۇق شەرتى ئىكەنلىكى تۇنجى قېتىم كۆرسىتىلىپ بېرىلدى. تۆۋەن مىقداردىكى كېتامىن خامۇشلۇققا تېز تاقابىل تۇرۇش ئۈنۈمىنى كۆرسىتىپ، مېڭە رايونىدىكى دەستىسىمان زەرەتلىنىشنى ئۈنۈملۈك توسىدىكەن. خۇ خەيلەن مۇنداق دېدى:«دورىنى تەتقىق قىلىپ ياساشتا مۇساپە ئۇزاق بولسىمۇ، بىراق بىز ئۈمىد نۇرنى كۆردۇق، ھەم تۇنجى قەدەمنى بېسىۋالدۇق.»

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر