باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

چاغان مەزگىلىدە شاڭخەي چېگرا ئېغىزىدىن كىرگەن-چىققان يولۇچى 870 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتتى

2018.02.22 15:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: چاغان مەزگىلىدە، شاڭخەي چېگرا ئېغىزىدىن كىرگەن-چىققان يولۇچى 866 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە چېگرا سىرتىغا چىققانلار 441 مىڭ ئادەم قېتىمغا، چېگرادىن كىرگەنلەر 425 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتكەن بولۇپ، كۈندىلىك ئوتتۇرىچە كىرىپ چىققان يولۇچى 124 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتكەن.

  يولۇچىلارنىڭ شاڭخەي چېگرا ئېغىزىدىن كىرىپ چىقىشىدا مۇنداق ئۈچ خىل ئالاھىدىلىك گەۋدىلەندى. بىرىنچىدىن، ئېلىمىزدىكى كىشىلەرنىڭ چەت ئەلگە چىقىپ ساياھەت قىلىش قىزغىنلىقى بارغانسىرى كۈچلۈك بولماقتا. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تېخىمۇ كۆپ ئېلىمىز پۇقرالىرى چاغان مەزگىلىدە ئائىلىسى بويىچە چەتكە چىقىپ ساياھەت قىلىشنى تاللىدى، چاغان مەزگىلىدە دۆلىتىمىز تەۋەلىكىدىكى چېگرادىن كىرىپ-چىققان كىشىلەرنىڭ سانى 725 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتكەن بولۇپ، چېگرادىن كىرىپ چىققان ئومۇمىي كىشىلەر سانىنىڭ %83.7ىنى ئىگىلىگەن. ئىككىنچىدىن، پوچتا پاراخوتىغا ئولتۇرۇپ چېگرادىن چىقىپ بايرام ئۆتكۈزۈش يېڭى مودا ئېقىمىغا ئايلانغان. 60 مىڭدىن ئارتۇق جۇڭگولۇق مۇساپىسى ئازادە، كۆڭۈل ئېچىش ئەسلىھەلىرى مول بولغان پوچتا پاراخوتىغا ئولتۇرۇپ، ئائىلىسى بويىچە بىللە بايرام ئۆتكۈزۈشنى تاللىغان. ئۈچىنچىدىن، ئاۋالقى يىللارغا قارىغاندا، تېخىمۇ كۆپ چەت ئەللىكلەر جۇڭگوغا كېلىپ، چاغان كەيپىياتىدىن بەھىرلەنگەن. چاغان مەزگىلىدە، 74 مىڭ چەت ئەللىك جۇڭگوغا كەلگەن، بۇنىڭ ئىچىدە 447 چەت ئەللىك جياڭسۇ، جېجياڭ، شاڭخەينىڭ 144 سائەتلىك ۋىزىسىز تۇرۇش سىياسىتى بويىچە جۇڭگوغا كەلگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر