باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى قورامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ روھىي ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان تور كارتون ئويۇن مەھسۇلاتلىرىنى قاتتىق تەكشۈردى

2018.02.09 14:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىنقى مەزگىلدە يۈز بەرگەن مەسىلىلەرگە قارىتا، يەنى قورامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ روھىي ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان مەزمۇندىكى بەزى كارتون فىلىملەرنىڭ چېگرا ئىچىگە ئېقىپ كىرىش مەسىلىسىگە قارىتا، مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى دەرھال ئېنىقلاپ ۋە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، مۇناسىۋەتلىك ئالاقە تور مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى ۋە ئالاقە تور مەدەنىيەت ئورۇنلىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ مەدەنىيەت ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قەتئىي قوغداپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ياخشى ئىجتىمائىي مەدەنىيەت مۇھىتى يارىتىپ بەردى.

  1- ئاينىڭ 19- كۈنى، مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى «بالىلار كىلاسسىك ئەسەرلىرىنى بۇلغىغان سىنلار»غا بولغان تور جامائەت پىكىرلىرىنى تەكشۈرگەندىن كېيىن، بەيدۇ، تېڭشۈن، يوۋكۇ، ئەيچىيى قاتارلىق ئاساسلىق ئالاقە تور مەدەنىيەت ئورۇنلىرىنىڭ دەرھال تەكشۈرۈپ تازىلاپ بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ھەر قايسى ئورۇنلار ئەڭ قاتتىق ئۆلچەم بويىچە دەرھال بارلىق مۇناسىۋەتلىك كارتون فىلىملىرىنى توردىن چۈشۈرىۋېتىشنى تەلەپ قىلدى. ھەمدە تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش ۋە ھەمتۈرتكە بولۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، ئاچقۇچلۇق سۆزلەر ئامبىرىنى ۋە بەلگىلىمىگە خىلاپ بولغان كارتون سىنلارنى بىر-بىرلەپ تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشنى، بىر تور پونكىتىدا بايقالسا، پۈتۈن تورلار ماس قەدەمدە تازىلاش كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلدى. نۆۋەتتە، بەلگىلىمىگە خىلاپ بولغان كارتون سىنلارغا قارىتىلغان ئالدىنقى باسقۇچلۇق تازىلاش خىزمىتىدىن دەسلەپكى ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى، يەنى ئاساسلىق ئالاقە تور مەدەنىيەت ئورۇنلىرى توردىن چۈشۈرۈۋەتكەن كارتون سىنلارنىڭ سانى 279مىڭغا، بەلگىلىمىگە خىلاپ بولغانلىقتىن پېچەتلەپ مەنئى قىلىنغان تور ھېسابات نومۇرلىرى 1079گە، مەزمۇنى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق بولۇپ پېچەتلەنگەن ئويۇنلار 771گە يەتكەن.

  مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى ھەرقايسى جايلاردىكى مەدەنىيەت مەمۇرىي تارماقلىرى ۋە مەدەنىيەت بازارلىرىدىكى ئۇنىۋېرسال قانۇن ئىجرا قىلىش ئاپپاراتلىرىغا ئورۇنلاشتۇرمىلار قىلىپ، ئۇلاردىن ئالاقە تور مەدەنىيەت بازارلىرىنى باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىشى كېرەكلىكىنى، مەزمۇنىدا زوراۋانلىقنى تەرغىب قىلىدىغان، شەھۋانىي مەزمۇنلۇق ھەمدە ئىجتىمائىي ئەخلاققا زىيان يەتكۈزىدىغان ۋە قورامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ روھىي ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان دېگەندەك چەكلەنگەن مەزمۇنلار بولغان تور ئويۇنلىرى ۋە كارتون سىنلارنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تازىلاشلىرى كېرەكلىكىنى، ھەمدە ئاساسىي ئالاقە تورى مەدەنىيەت ئورۇنلىرى، تور ئويۇنى سۇپىلىرى ۋە ئالاقە تورلىرىنىڭ ئەمەلىي دۇكانلىرى قاتارلىقلارنىڭ دەرھاللا قائىدىگە خىلاپ بولغان مەھسۇلاتلار ۋە كارتون سىنلارنى توردىن چۈشۈرۈۋېتىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىش كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلدى. «بالىلار كىلاسسىك ئەسەرلىرىنى بۇلغىغان سىنلار»دەپ قارىلىدىغان ئويۇنلار ۋە كارتون سىنلارنى ياسىغان ۋە چىقارغان ئورۇن ۋە شەخسلەرنى ئۇجۇر-بۇجۇرغىچە سۈرۈشتۈرۈپ، ئۇنداقلارنى قانۇن بويىچە قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك؛ يوۋكۇ، تۇدۇۋ، ئەيچىيى، 7K7K قاتارلىقلارغا ئوخشاش ئۆزىنى تىزگىنلىشى كەمچىل بولغان، ھەمدە بەلگىلىمىگە خىلاپلىق ھالدا، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى بىر قەدەر كۆپ بولغان ئويۇن ۋە كارتون سىنلار بىلەن تەمىنلىگەن تور بېكەتلىرىگە قارىتا، ئۇنداقلارنى قانۇن بويىچە قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش چارىسىنى قوللىنىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئالاقە تورى مەدەنىيەت ئورۇنلىرىنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە يېتەكچىلىك ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، مەزمۇنىنىڭ تۆۋەن چېكىنى ئېنىقلاپ، تەكشۈرۈش ئۆلچىمىنى قاتتىق تۇتۇپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى ئاكتىپ ۋە ساغلام بولغان، ھەمدە يۇقىرىغا ۋە ياخشىلىققا ئىنتىلىدىغان ئالاقە تور مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى قوغداش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى يەنە مەدەنىيەت بازارلىرىنى پاش قىلىش تېلېفونى ۋە پاش قىلىش تور بېكىتى قاتارلىقلارنى تەسىس قىلىپ ئېلان قىلدى. پاش قىلىش تېلېفونى: 12318、010-59881010؛ پاش قىلىش تور بېكىتى:www.12318.gov.cn. كەڭ جامائەتچىلىكنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ بولغان ئالاقە تور مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرىنى پاش قىلىپ ۋە نازارەت قىلىشىنى قارشى ئالىمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر