- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
بۇلتۇر ئېلىمىز يېزىلىرىدا 12 مىليون 890 مىڭ نامرات ئازايدى
2018.02.07 14:02 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى يېقىندا 2017-يىلى ئېلىمىز يېزىلىرىدىكى نامرات ئاھالىنىڭ بۇلتۇرقىدىن 12 مىليون 890 مىڭ كىشى ئازىيىپ، نامراتلىق نىسبىتىنىڭ 1.4 پىرسەنت پوئىنت تۆۋەنلىگەنلىكى، نامرات رايونلاردىكى يېزا ئاھالىسى كىرىمىنىڭ تېز ئېشىپ، پۈتۈن مەملىكەت يېزىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسى بىلەن بولغان پەرقنىڭ يەنىمۇ كىچىكلىگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە جايلار، تارماقلار نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش ئاساسىي تاكتىكىسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكەل ھۇجۇمىدا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. 2017-يىلى مەملىكەت بويىچە 31 ئۆلكە(ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)دىكى 160 مىڭ ئائىلىلىكنى ئارىلاپ تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قارىغاندا، ئېلىمىزدە ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان يېزىلارنىڭ نامرات ئۆلچىمى بويىچە مۆلچەرلىگەندە 2017-يىلىنىڭ ئاخىرى مەملىكەت بويىچە يېزىلاردىكى نامرات ئاھالە 30 مىليون 460 مىڭ كىشى بولۇپ، 2016-يىلىنىڭ ئاخىرىدىكىدىن 12 مىليون 890 مىڭ كىشى ئازايغان؛ نامراتلىق نىسبىتى %3.1 كە بولۇپ، ئالدىنقى يىلنىڭ ئاخىرىدىكىدىن 1.4 پىرسەنت پوئىنت تۆۋەنلىگەن.
بەش يىلدىن بۇيان، پۈتۈن مەملىكەت يېزىلىرىدا 68 مىليون 530 نامرات ئازايغان. 2013-يىلدىن 2017-يىلغىچە نامرات رايونلاردىكى يېزا ئاھالىسىىنىڭ ئىلىكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن % 12.4 ئاشقان، باھا ئامىلىنى چىقىرىۋەتكەندە، يىللىق ئوتتۇرىچە ئەمەلىي ئېشىش نىسبىتى %10.4 كە يېتىپ، ئەمەلىي ئېشىش سۈرئىتى پۈتۈن مەملىكەت يېزىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن 2.5 پىرسەنت پوئىنت يۇقىرى بولغان. 2017-يىلى نامرات رايونلاردىكى يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئىلىكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى پۈتۈن مەملىكەتتىكى يېزىلارنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىنىڭ %69.8ىگە يېتىپ، 2012-يىلدىكىدىن 7.7 پىرسەنت پوئىنت يۇقىرى بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى يېزىلارنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسى بىلەن بولغان پەرقى يەنىمۇ كىچىكلىگەن.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر