باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «يېزا ئىگىلىكىدىكى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر ئۈلگە رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى

2018.01.30 16:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «يېزا ئىگىلىكىدىكى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر ئۈلگە رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلىدۇ) نى بېسىپ تارقىتىپ، يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا رايونلىرىنىڭ سۈپىتى، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش، يېزا ئىگىلىكىدىكى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر ئۈلگە رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئورۇنلاشتۇردى.

  «پىكىر»دە مۇنداق دېيىلدى: يېزا ئىگىلىكىدىكى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر ئۈلگە رايونى قۇرۇلۇشىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئاساسلىق نىشانى: 2025-يىلىغىچە بىر تۈركۈم دۆلەت دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىكىدىكى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر ئۈلگە رايونلىرىنى قۇرۇپ، خەلقئارا تەسىرگە ئىگە زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىدە يېڭىلىق يارىتىش پەللىسى، ئىختىساسلىقلار پەللىسى، كەسىپلەر پەللىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. يېزا ئىگىلىكى بويىچە يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش يولى جەھەتتە ئىزدىنىپ، ئۈلگە رايونىنىڭ يەر ھاسىلات نىسبىتى، ئەمگەك ئۈنۈمدارلىقى ۋە يېشىل تەرەققىيات سەۋىيەسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈش كېرەك. بىر رايوندا بىر باش تېما بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا تايىنىپ، ئېلىمىز يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، كۆچۈرۈپ ئىشلەتكىلى، ئومۇملاشتۇرغىلى بولىدىغان ئەندىزىنى شەكىللەندۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

  «پىكىر»دە يېزا ئىگىلىكىدىكى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر ئۈلگە رايونى قۇرۇلۇشىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ سەككىز مۇھىم ۋەزىپىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بىرىنچى، يېڭىلىق يارىتىش سۇبيېكتلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، بىر تۈركۈم تەتقىقات سېلىنمىسى كۆپ، تېخنىكا سەۋىيەسى يۇقىرى، ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمى ياخشى بولغان يېزا ئىگىلىكىدىكى يېڭىلىق يارىتىشچان كارخانىلارنى يېتىشتۈرۈش كېرەك. ئىككىنچى، يېتەكچى كەسىپنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلارنى تەتقىق قىلىش ۋە ئومۇملاشتۇرۇپ ئىشلىتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، يېتەكچى كەسىپنىڭ يېڭىلىق يارىتىش سەۋىيەسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈش كېرەك. ئۈچىنچى، پەن-مائارىپ بايلىقىنى توپلاپ، ئالىي مەكتەپ، پەن-تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ پەن-مائارىپ بايلىقى ۋە ئىختىساسلىقلارنى ئۈلگە رايونىغا توپلىشىشقا يېتەكلەش كېرەك. تۆتىنچى، كەسپىي دېھقانلارنى تەربىيەلەپ، دېھقانلارنىڭ كەسپىي ماھارىتىنى ئۆستۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاش كېرەك. بەشىنچى، بىرلەشتۈرۈپ ئورتاق بەھرلىنىشكە تۈرتكە بولۇپ، 1-، 2-، 3-كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شەھەر-يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئالتىنچى، يېشىل تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئايلانما ئېكولوگىيەلىك يېزا ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك بايلىقىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. يەتتىنچى، ئۇچۇر مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىپ، ئۇچۇر تېخنىكىسى بىلەن يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر يۇغۇرىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئەقلىي يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. سەككىزىنچى، خەلقئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى بىلەن يېزا ئىگىلىكىنىڭ «سىرتقا چىقىشى»نى بىرلەشتۈرۈپ، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى ئىككى بازار، ئىككى خىل بايلىقنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىشلىتىش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر