باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 32- قېتىملىق يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى

2018.01.30 16:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 32- قېتىملىق يىغىنى29-يانۋار چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ «خەلق» سارىيىدا ئېچىلدى، كومىتېت باشلىقى جاڭ دېجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھاۋالىسىغا ئاساسەن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيورۇسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى جەنشۇ ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئاساسىي قانۇننىڭ قىسمەن مەزمۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپىگە ئىزاھات بەردى.

  لى جەنشۇ ئىزاھاتىدا مۇنداق كۆرسەتتى: ئاساسىي قانۇن دۆلەتنىڭ تۈپ قانۇنى، دۆلەتنى باشقۇرۇپ، ئەلنى خاتىرجەم قىلىشنىڭ ئومۇمىي مىزانى، پارتىيە ۋە خەلق ئىرادىسىنىڭ مەركەزلىك ئىپادىسى. ئېلىمىزدە ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ئاساسىي قانۇن پارتىيە 11- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىندا بېكىتىلگەن لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلەرگە ئاساسەن، 1982- يىلى 24- دېكابىر 5-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 5- قېتىملىق يىغىنىدا ماقۇللانغان ھەم ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلغان. 30 نەچچە يىلدىن بۇيانقى ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئېلىمىزنىڭ ئاساسىي قانۇنى دۆلەت ئەھۋالىغا، ئەمەلىيەتكە، دەۋرنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ياخشى ئاساسىي قانۇن، ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش شەرت.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر