باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يۈز چاپلىقى سېتىۋېلىش بەلكىم «تۆۋەن ئېقىم»غا تەرەققىي قىلدۇرۇلۇشى مۇمكىن

شاخلىتىپ سېتىشنىڭ دوستلار چەمبىرىكىگە سىڭىپ كىرىشىدىن ھوشيار بولۇڭ

2018.01.30 16:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: نۆۋەتتە، مىكرو سودا ئۇقۇمى قىزىماقتا. جۇڭگو ئالاقە تورى جەمئىيىتى مىكرو سودا خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، 2017-يىلى مىكرو سودا بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار كۆلىمى 20 مىليون 188 مىڭ ئادەمگە يەتكەن. تەكشۈرۈش ئارقىلىق بايقىلىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مىكرو سودىسىدا شاخلىتىپ سېتىش قاتارلىق يېڭىچە توردا شاخلىتىپ سېتىش كۆپ يۈز بېرىش ھالىتىدە تۇرغان بولۇپ، نۇرغۇن جايدا مۇناسىۋەتلىك دېلولار ئارقا-ئارقىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان. بۇ دېلولارغا چېتىشلىق خادىملار نەچچە يۈز مىڭ ئادەمگە، سوممىسى نەچچە يۈز مىليون يۈەنگە يەتكەن.

  يۈز چاپلىقىغا ۋاكالەتچىلىك قىلغۇچى توردا شاخلىتىپ سېتىشقا قاتنىشىپ قالغىلى تاس قالدى، نۇرغۇن جايدا مىكرو سودىگەرلەر تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىندى

  شەندۇڭلۇق خې چيەننىڭ ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىدە يۈز چاپلىقى ساتىدىغان بىر دوستى بار ئىدى، بىر نەچچە ئاي بۇرۇن، ئۇ قارشى تەرەپنىڭ دوستلار چەمبىرىكىدە چەت ئەلدىن ئىمپورت قىلىنغان دەۋالغان بىر خىل يۈز چاپلىقىنى سېتىۋاتقانلىقىنى، قارىماققا سېتىش ئەھۋالى «ئىنتايىن ياخشى» ئىكەنلىكىنى كۆردى.

  خې چيەننىڭ دېيىشىچە، قارشى تەرەپنىڭ ھەر كۈنى دوستلار چەمبىرىكىدە يۈز چاپلىقىغا مۇناسىۋەتلىك ھەر خىل گۇۋاھنامىلەر ۋە سېتىلىش مىقدارى، سودا بولغان رەسىملەرنى يوللىغىنىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭمۇ سىناپ باققۇسى كەلگەن بولۇپ، 5000 يۈەن خەجلەپ قارشى تەرەپ قوبۇل قىلغان ۋاكالەتچى بولغان. ۋەكالەتچى بولغانلار يەككە تۈركۈمىدە ئاز دېگەندە 2000 يۈەنگە ئەللىك قاپ مال ئالىدىغان بولۇپ، ئوتتۇرىچە باھاسى بىر قېپى 40 يۈەن بولغان؛ بىر قېتىمدا 5000 يۈەنگە 150 قۇتا مال ئالغىلى بولىدىغان بولۇپ، بىر قېپى تەخمىنەن 30 يۈەن بولغان؛ بىراق بۇ يۈز چاپلىقىنىڭ قارشى تەرەپ دوستلار چەمبىرىكىدىكى بىر قېپىنىڭ سېتىلىش باھاسى 80 يۈەن بولغان.

  خې چيەن: «قولۇمدىكى يۈز چاپلىقىنى قانداق قىلغاندا تېخىمۇ تېز ساتالايدىغانلىقىمنى سورىغىنىمندا، قارشى تەرەپ ماڭا پۇل تېپىش ئۇسۇلىنىڭ بۇ يۈز چاپلىقىنى سېتىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدىغانلىقىنى، ئامال قىلىپ ۋاكالەتچى قوبۇل قىلىشىمنى، پەقەت مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا بىر ۋاكالەتچى قوبۇل قىلالىسام، مال پۇلىدىن %30 پىرسەنت ئاجرىتىپ بېرىلىدىغانلىقى»نى ئېيتتى، دېدى. خې چيەن بۇنىڭ شاخلىتىپ سېتىش بولۇش ئېھتىماللىقىدىن گۇمانلىنىپ، مال قايتۇرۇش ئىشى ئۈستىدە قارشى تەرەپ بىلەن ئالاقىلاشقاندا، قارشى تەرەپ ئۇنى «قارا تىزىملىك»كە كىرگۈزۈۋەتتى.

  جۇڭگو جامائەت خەۋپسىزلىكى ئۇنىۋېرسىتېتى شەھەر بىخەتەرلىك تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇتەخەسسىسى لى شياۋبو تۇنۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: مىكرو سودا ئارقىلىق شاخلىتىپ سېتىش ماھىيەتتە تاۋار سودىسىنى مەقسەت قىلمايدۇ، بەلكى نوقۇل ھالدا تۆۋەن ئېقىمدىكىلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق زور پايدا ئالىدۇ، خې چيەن ئۇچرىغان مىكرو سودىگەر شاخلىتىپ سېتىش ھەرىكىتىگە چېتىشلىق. 2016- يىلى 3-ئايدا، دۆلەت سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش باش ئىدارىسى يېڭى تىپتىكى شاخلىتىپ سېتىش پائالىيىتىنىڭ خەۋپ-خەتىرىدىن ئاگاھلاندۇرۇش ئېلانى چىقاردى، شاخلىتىپ سېتىش تەشكىلاتى ئۇسۇلىنى قانداق ئۆزگەرتىپ، ئۆزىنى قانداق نىقابلىشىدىن قەتئىينەزەر، بىرلا ۋاقىتتا «قاتنىشىش ھەققى تاپشۇرۇش»، «ئادەم توپلاش»، «دەرىجە بويىچە كوللېكتىپ ھەق ھېسابلاش» قاتارلىقلار بار بولسىلا شاخلىتىپ سېتىشقا چېتىشلىق، دەپ بېكىتىلسە بولىدۇ.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، نۇرغۇن جايدا مىكرو سودا دېلولىرى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىندى. 2016-يىلى 10-ئايدا، «جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ تور سودىسى بويىچە بۆلۈپ سېتىش» دەپ ئاتالغان «بارماقتىكى بۇلۇت»نى خۇبېي ئۆلكىسى شيەننىڭ شەھەرلىك سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى شاخلىتىپ سېتىش، دەپ بېكىتتى، دېلوغا چېتىشلىق سومما 620 مىليون يۈەنگە يەتكەن؛ 2017- يىلى 8-ئايدا، 180 مىڭ ئەزا قوبۇل قىلغان پەۋقۇلئاددە زور ئۈندىداردا شاخلىتىپ سېتىش دېلوسىغا داليەن شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى ئاخىرقى سوت ئېچىپ، دېلونى ئاخىرلاشتۇردى، بۇ شايكا تۆت ئۈندىدار جامائەت سۇپىسى ئارقىلىق ئەزالىرى تاپشۇرغان 1 مىليون 800 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق شاخلىتىپ سېتىش مەبلىغى يىغقان؛ 2018-يىلى 1-ئايدا، سىچۈەندە پەۋقۇلئاددە زور دۆلەت ھالقىغان توردا شاخلىتىپ سېتىش تەشكىلاتى «بەشلەشتۈرۈش ئىتتىپاقى»نىڭ جىنايى قىلمىشىغا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىلدى، بۇ تەشكىلات يېرىم يىلدىلا ئۈندىدار، QQ قاتارلىقلار ئارقىلىق 200 مىڭدىن كۆپرەك ئەزا تەرەققىي قىلدۇرغان، دېلوغا چېتىشلىق سومما 520 مىليون يۈەنگە يەتكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر