باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ئىستېمالچىلار جەمئىيىتى شەھەرلەردىكى ئىستېمالچىلارنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسىنى باھالاش دوكلاتىنى تۇنجى قېتىم ئېلان قىلدى

2018.01.26 11:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو ئىستىمالچىلار جەمئىيىتى 25- چېسلا بېيجىڭدا ئېلان قىلغان «2017- يىللىق شەھەرلەردىكى ئىستېمالچىلارنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسىنى باھالاش دوكلاتى»دا، «شەھەر»نى تەكشۈرۈش ئوبيېكتى قىلىش ئارقىلىق، ئىستېمالدىن رازى بولۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈدى. بۇ تەكشۈرۈش جۇڭگو ئىستېمالچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئالاقىدار دوكلاتىدىكى تۇنجى قېتىمقىسى. «دوكلات»تا كۆرسىتىلىشىچە، 100 نومۇرلۇق تۈزۈم ئاستىدا باھالانغان چوڭ شەھەرلەر ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك شەھەرلەردىن 50 شەھەردىكى ئىستېمالچىلارنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسىنىڭ ئۇنىۋېرسال نۇمۇرى 71.75گە يەتكەن بولۇپ، ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشى ھالەتتە تۇرغان.

  بۇ قېتىمقى باھالاش ئۆتكەن يىلى 11- ئاينىڭ 14- كۈنىدىن بۇ يىل 1- ئاينىڭ 4- كۈنىگىچە پۈتۈن مەملىكەتتىكى 50 شەھەردە ماس قەدەمدە قانات يايدۇرۇلغان بولۇپ، جەمئىي 52 كۈن داۋاملاشقان. باھالانغان شەھەرلەرنىڭ ۋەكىللىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بۇ باھالاش پۈتۈن مەملىكەتتىكى شەرقىي، ئوتتۇرا ۋە غەربىي رايوننى قاپلىغان، ھەمدە ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش سوممىسىنىڭ سەۋىيەسى ئوخشاش بولمىغان شەھەرلەرگىمۇ چېتىلغان. كونكرېت ئېيتقاندا، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر، ئايرىم تىزىلىدىغان پىلانلىغان شەھەرلەر ۋە ئۆلكە مەركىزى ھېسابلىنىدىغان شەھەرلەر دېگەندەكلەرنىڭ ھەممىسى تاللانغان بولۇپ، جەمئىي 36غا يەتكەن؛ «2016- يىللىق شەھەر ستاتىستىكا يىلنامىسى»دە كۆرسىتىلگەن ئەھۋالىغا، يەنى ۋىلايەت دەرىجىلىكتىن يۇقىرى شەھەرلەرنىڭ ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش سوممىسىنىڭ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرغان ئەھۋالىغا ئاساسەن، سۇجۇ، ۋۇشى، فۇشەن، يەنتەي، ۋېنجۇ، چۈەنجۇ، نەنتۇڭ، شۈيجۇ، ۋېيفاڭ، لىنيى، دوڭگۈەن، تاڭشەن، تەيجۇ ۋەجىنخۇا قاتارلىق 14 شەھەر بۇ قېتىمقى باھالىنىشقا تاللاپ كىرگۈزۈلگەن. باھالاش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە: ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسىدىن قارىغاندا، 2016- يىلى ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش سوممىسى 400 مىليارد يۈەن (ئۇنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دىن يۇقىرى بولغان شەھەرلەردىكى ئىستېمالچىلارنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسى 72.17 نومۇر بولۇپ، 200 مىليارد يۈەن (ئۇنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دىن 400 مىليارد يۈەن (ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)گىچە بولغان شەھەرلەر 71.25 نومۇرغا ئېرىشكەن، 200 مىليارد يۈەن (ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) دىن تۆۋەن شەھەرلەردىكى ئىستېمالچىلارنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسى 69.69 نومۇرغا يەتكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر