باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ئالىملىرى دۇنيادىكى قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلدى

تەن ھۈجەيرىسىنى كلونلاپ مايمۇن يېتىشتۈرۈش مۇۋەپپەقىىيەتلىك بولدى

2018.01.25 16:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى 24-يانۋار چۈشتىن كېيىن بېيجىڭدا: شاڭخەيدىكى جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى نېرۋا پەنلىرى تەتقىقات ئورنىنىڭ سۈن چياڭ تەتقىقات ئۆمىكى بەش يىل بوشاشماي تىرىشىش ئارقىلىق، تەن ھۈجەيرىسىنى كلونلاپ مايمۇن يېتىشتۈرۈشتىن ئىبارەت دۇنيادىكى قىيىن مەسىلىدە بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، دۇنيا بويىچە تۇنجى بولۇپ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تەن ھۈجەيرىسىدىن مايمۇننى كلونلىدى. بۇ، جۇڭگونىڭ ماكاكا مايمۇننى تەجرىبە مودېلى قىلىدىغان دەۋرنى ئاچقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ مۇۋەپپەقىيەت 25-يانۋار زوئولوگىيە ساھەسىدىكى نوپۇزلۇق ئىلمىي ژورنال «ھۈجەيرە» دە مۇقاۋا ماقالىسى قىلىپ بېرىلدى.

  1997- يىلى «دولى قويى» نىڭ تەن ھۈجەيرىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك كولانلانغاندىن كېيىن، نۇرغۇن ئېمىتكۈچى ھايۋانلارنىڭ تەن ھۈجەيرىسى كەينى-كەينىدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك كلونلاندى، بىراق ئىنسانلارغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان پرىماتلار تۈرىدىكى ھايۋانات (ماكاكا مايمۇنى) نىڭ تەن ھۈجەيرىسىنى كلونلاش قىيىن مەسىلىسى ئىزچىل ھەل قىلىنمىغان ئىدى. خەلقئارا ھۈجەيرە داۋالاش جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، تېببىي ئالىم جون لاسكاۋكس باھا بېرىپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئالىملىرى كۆپ يىللاردىن بۇيانقى مايمۇن كلونلاش مەغلۇب بولۇش توسالغۇسىنى يەڭدى، بۇ، نۇرغۇن مۇتەخەسىسلەر ئىزچىل ئىشقا ئاشۇرۇش مۇمكىنچىلىكى يوق، دەپ قاراپ كەلگەن زور تېخنىكىدا بۆسۈش ھاسىل قىلغانلىق.

  تەن ھۈجەيرىسىدىن مايمۇن كلونلاشنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ئېلىمىزنىڭ ئادەمدىن باشقا پرىماتلار كېسەللىكىنىڭ ھايۋانات مودېلىنى باشلامچىلىق بىلەن راۋاجلاندۇرۇشتەك يېڭى تېبابەتچىلىك-دورىگەرلىك تەتقىقاتى كەسپىي زەنجىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئالزېيمېر كېسىلى، تەنھالىق كېسىلى قاتارلىق مېڭە كېسەللىكلىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى ۋە ئىممۇنىتېت كەمچىلىكى، ئۆسمە، ماددا ئالمىشىش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش يېڭى دورىلىرىنى تەتقىق قىلىپ ياساش قەدىمىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر