باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «پىكىر» نى بېسىپ تارقىتىپ، ئۇنىۋېرسال دوختۇرلارنى يېتىشتۈرۈش-ئىشلىتىش بويىچە رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى ياخشىلاش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويدى

2018.01.25 16:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. يېقىندا، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «ئۇنىۋېرسال دوختۇرلارنى يېتىشتۈرۈش-ئىشلىتىش بويىچە رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى ياخشىلاش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلىدۇ) نى بېسىپ تارقاتتى.

  «پىكىر» دە مۇنداق دېيىلدى: زور تۈركۈمدىكى لاياقەتلىك ئۇنىۋېرسال دوختۇرلارنى يېتىشتۈرۈشنى تېزلىتىش، ئاساسىي قاتلامنىڭ سەھىيە مۇلازىمىتى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، ئائىلە دوختۇرلىرى كېلىشىپ مۇلازىمەت قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، دەرىجىگە ئايرىپ داۋالاش تۈزۈمىنى ئورنىتىش، خەلق ئاممىسىنىڭ ساغلاملىقىنى ئاسراش ۋە كۈچەيتىشتە مۇھىم ئەھمنيەتكە ئىگە.

  «پىكىر» دە ئۇنىۋېرسال دوختۇرلارنى يېتىشتۈرۈش خىزمىتى نىشانى مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: 2020-يىلىغا بارغاندا، كەسىپ ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئۇنىۋېرسال دوختۇرلارنى يېتىشتۈرۈش تۈزۈمى ئاساسىي جەھەتتىن ئورنىتىلىپ، ئۇنىۋېرسال تىببىي ئىختىساسلىقلارنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئۇيغۇن كېلىدىغان رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمى ئاساسىي جەھەتتىن مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ئۇنىۋېرسال دوختۇرلار كەسپىنىڭ جەلبكارلىقى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرۇلۇپ، شەھەر-يېزىلاردىكى ھەر 10 مىڭ ئاھالىگە ئىككىدىن ئۈچكىچە لاياقەتلىك ئۇنىۋېرسال دوختۇر توغرا كېلىش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. 2030- يىلىغا بارغاندا، شەھەر-يېزىلاردىكى ھەر 10 مىڭ ئاھالىگە بەش لاياقەتلىك ئۇنىۋېرسال دوختۇر توغرا كەلتۈرۈلۈپ، ئۇنىۋرسال دوختۇرلار قوشۇنى ئارقىلىق ساغلام جۇڭگو قۇرۇشنىڭ ئېھتىياجى ئاساسەن قاندۇرۇلىدۇ.

  «پىكىر» دە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: ئۇنىۋېرسال دوختۇرلارنى يېتىشتۈرۈش-ئىشلىتىش بويىچە رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى تۆۋەندىكى ئۈچ جەھەتتىن ياخشىلاش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك: بىرىنچى، كەسىپ ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئۇنىۋېرسال دوختۇرلارنى يېتىشتۈرۈش تۈزۈمىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممللەشتۈرۈش كېرەك. ئىككىنچى، ئۇنىۋېرسال دوختۇرلۇق كەسپىنىڭ جەلبكارلىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ئۈچىنچىدىن، نامرات رايونلاردا ئۇنىۋېرسال دوختۇرلار قوشۇنىنى يېتىشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك.

  «پىكىر» دە مۇنۇلار تەكىتلەندى: جايلار، تارماقلار ئۇنىۋېرسال دوختۇرلارنى يېتىشتۈرۈش-ئىشلىتىش بويىچە رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى سەھىيە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە ساغلام جۇڭگو قۇرۇشنىڭ مۇھىم ھالقىسى ۋە مۇھىم ۋەزىپىسى قىلىپ، يولغا قويۇش لايىھەسىنى تۈزۈپ، تارماقلارنىڭ ماسلىشىشچانلىقىنى كۈچەيتىپ، ۋەزىپە، ئىش تەقسىمانتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، خىراجەت كاپالىتى سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، داۋالاش سۇغۇرتىسى چىقىمى سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەشۋىقات ئارقىلىق يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر