باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«پۇل گۆھىرى تورى»نىڭ مەبلەغ توپلىشىغا قاتناشقان تۆت كىشى توپلىشىپ جامائەت تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرغانلىقتىن، جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلدى

2018.01.25 16:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: نەنجىڭ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى ئالدىنقى كۈنى ئۇچۇر ئېلان قىلىپ، نەنجىڭ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى يېقىندا «پۇل گۆھىرى تورى»نىڭ مەبلەغ توپلىشىغا قاتناشقان، توپلىشىپ جامائەت سورۇنلىرىنىڭ تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش قانۇنىغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرگە چېتىشلىق نەچچە كىشىنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى. 23-كۈنىگىچە، تۆت كىشى جىنايى ئىشلار بويىچە تۇتۇپ تۇرۇلدى، يەتتە كىشى مەمۇرىي جەھەتتىن توختىتىپ قويۇلدى، 11 كىشى ئامانلىق بويىچە ئاگاھلاندۇرۇلدى.

  نەنجىڭ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى ئېلان قىلغان ئۇچۇردا مۇنداق دېيىلدى: تەكشۈرۈش ئارقىلىق، يۇقىرىقى قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارنى سادىر قىلغۇچىلار ئىنتېرنېت تورىدا نۇرغۇن ئۈندىدار توپى، QQ توپى قاتارلىق ئۇدۇللۇق خەۋەرلىشىش توپلىرى ئارقىلىق، «پۇل گۆھىرى تورى»نىڭ مەبلەغ توپلىشىغا قاتناشقۇچىلارنى ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، سودا رايونى قاتارلىق ئاممىۋى سورۇنلاردا قانۇنسىز يىغىلىۋېلىشقا تەشكىللىگەن، پىلانلىغان ۋە قۇتراتقۇلۇق قىلىپ، جامائەت سورۇنلىرىنىڭ تەرتىپىنى ئېغىر دەرىجىدە قالايمىقانلاشتۇرۇپ، مۇناسىۋەتلىك قانۇن بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلغان.

  ساقچى تەرەپ شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، «پۇل گۆھىرى تورى»نىڭ مەبلەغ توپلىشىغا قاتناشقۇچىلار دەۋا تەلىپىنى قانۇن بويىچە ئاقىلانە ئىپادىلىشى، ئىغۋاغا ئىشەنمەسلىكى، ئىغۋانى تارقاتماسلىقى، تۈرلۈك قانۇنغا خىلاپ ھەرىكەتلەرنىڭ قايمۇقتۇرۇشىغا ئالدانماسلىقى، تەشكىللىمەسلىكى، قاتناشماسلىقى لازىم. نۆۋەتتە، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى جىنايى ئىشلار دەۋا تەرتىپى بويىچە دېلونى رازۋېدكا قىلىپ بېجىرىشنى تېزلىتىپ، ھارام پۇلنى قايتۇرۇۋېلىش ۋە زىياننى تولدۇرۇۋېلىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قانات يايدۇرۇپ، مەبلەغ توپلاش ئىشتىراكچىلىرىنىڭ زىيىنىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قايتۇرۇۋالماقتا.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر