باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2018-يىللىق دۆلەت مەمۇرلۇق ئىمتىھانى يازمىچە ئىمتىھانىنىڭ لاياقەتلىك نومۇر سىزىقى ئېلان قىلىندى

2018.01.25 16:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 24-يانۋار دۆلەت مەمۇرلار ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، مەركەز ئورگانلىرى ۋە ئۇلارغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئاپپاراتلارنىڭ 2018-يىللىق ئىمتىھان ئېلىپ مەمۇر قوبۇل قىلىشنىڭ يازمىچە ئىمتىھان نەتىجىسى 25-يانۋار ئېلان قىلىنىدىكەن. ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئىمتىھان نەتىجىسىنى مەركەز ئورگانلىرى ۋە ئۇلارغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئاپپاراتلارنىڭ 2018-يىللىق ئىمتىھان ئېلىپ مەمۇر قوبۇل قىلىش مەخسۇس تور پونكىتى(http://bm.scs.gov.cn/2018)دىن تەكشۈرسە بولىدىكەن.

  ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى(مۇئاۋىن ئۆلكە دەرىجىلىكنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) خىزمەت ئورنىغا تىزىملاتقانلارنىڭ لاياقەتلىك نومۇر سىزىقى ئومۇمىي نومۇرى 105تىن، مەمۇرىي كەسپىي ئىقتىدارىنى سىناش نەتىجىسى 60تىن تۆۋەن بولماسلىقى، شەھەر(ۋىلايەت)، ناھىيە(رايون) دەرىجىلىك خىزمەت ئورنىغا تىزىملاتقانلارنىڭ لاياقەتلىك نومۇر سىزىقى ئومۇمىي نومۇرى 90دىن، مەمۇرىي كەسپىي ئىقتىدارىنى سىناش نەتىجىسى 50تىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەككەن.

  غەربىي رايونلار ۋە جاپالىق چەت-ياقا رايونلار(سەنشى، ئىچكى موڭغۇل، جىلىن، خېيلۇڭجياڭ، گۇاڭشى، سىچۈەن، چۇڭچىڭ، گۇيجۇ، يۈننەن، شىزاڭ، شەنشى، گەنسۇ، نىڭشيا، چىڭخەي، شىنجاڭ قاتارلىق 15 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەر)، شەھەر(ۋىلايەت)، ناھىيە(رايون) دەرىجىلىك خىزمەت ئورۇنلىرى ۋە ئىستۇدېنت كەنت ئەمەلدارى، «ئۈچكە ياردەم بېرىش، بىرنى يۆلەش» قاتارلىق ئاساسىي قاتلامغا مۇلازىمەت قىلىش تۈرىدىكى خادىملارنى نىشانلىق قوبۇل قىلىدىغان خىزمەت ئورۇنلىرى، ئورتاق تىل قوللىنىلمايدىغان خىزمەت ئورۇنلىرى ۋە ئالاھىدە كەسىپ خىزمەت ئورۇنلىرىنىڭ لاياقەتلىك نومۇر سىزىقى: ئومۇمىي نومۇرى 85تىن، مەمۇرىي كەسپى ئىقتىدارىنى سىناش نەتىجىسى 45تىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەككەن.

  بانكا نازارەتچىلىك كومىتېتى، ئاكسىيە نازارەتچىلىك كومىتېتى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ خەلق ساقچىسى خىزمەت ئورنىغا تىزىملاتقانلارنىڭ ئاممىۋى پەنلەرنىڭ نومۇر چېكى خىزمەت ئورنى قاراشلىق قاتلام دەرىجىسى بويىچە بېكىتىلىدىكەن، شۇنداقلا كەسپىي پەنلەرنىڭ ئىمتىھان نومۇرى 45تىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەككەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر