باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن «مۇشتۇمزورلۇقنى تازىلاش، رەزىللىكنى تۈگىتىش مەخسۇس كۈرىشىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقاتتى

2018.01.25 16:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن يېقىندا «مۇشتۇمزورلۇقنى تازىلاش، رەزىللىكنى تۈگىتىش مەخسۇس كۈرىشىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقاتتى. «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنداق دېيىلدى: پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلقنىڭ خاتىرجەم ياشىشى، جەمئىيەتنىڭ تىنچ-تەرتىپلىك بولۇشى، دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەش ئۈچۈن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن مەملىكەت بويىچە مۇشتۇمزورلۇقنى تازىلاش، رەزىللىكنى تۈگىتىش مەخسۇس كۈرىشىنى قانات يايدۇرۇشنى قارار قىلدى.

  «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار تەكىتلەندى: مەملىكەت بويىچە مۇشتۇمزورلۇقنى تازىلاش، رەزىللىكنى تۈگىتىش مەخسۇس كۈرىشىنى قانات يايدۇرۇش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چىقارغان زور تەدبىر بولۇپ، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ مۇقىملىقى ۋە دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە، ئەلرايىغا ۋە ئاساسىي قاتلام ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەشكە، ئۇلۇغ كۈرەشلەرنى ئېلىپ بېرىش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇشلارنى قىلىش، ئۇلۇغ ئىشلارنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئۇلۇغ ئارزۇنى روياپقا چىقىرىشقا مۇناسىۋەتلىك. جايلار، تارماقلار سىياسىي يۈكسەكلىكنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، مۇشتۇمزورلۇقنى تازىلاش، رەزىللىكنى تۈگىتىش مەخسۇس كۈرىشىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇپ تونۇپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى ئاساسىدا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىلمىي پىلانلاپ، كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، پۇختا يولغا قويۇپ، مۇشتۇمزورلۇقنى تازىلاش، رەزىللىكنى تۈگىتىش مەخسۇس كۈرىشىدە قەتئىي غەلىبە قىلىشى كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر