خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1-ئاينىڭ 23-كۈنى، كۆرۈرمەنلەر كۆرگەزمىگە قويۇلغان ئاز سانلىق مىللەتلەر كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى كۆرمەكتە. شۇ كۈنى، جۇڭخۇا ئائىلە ئىستىلى مەدەنىيىتى ئاساسىي تېمىسىدىكى كۆرگەزمە بېيجىڭ جۇڭخۇا ئەسىر سۇپىسىدا باشلاندى. كۆرگەزمە ئائىلە ئىستىلىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، «ئائىلە»، «ئائىلە تەربىيەسى»، «ئائىلە ئىستىلى» قاتارلىق ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنگەن بولۇپ، دۆلىتىمىز ئىچى ۋە سىرتىدىكى جۇڭگولۇقلارنىڭ ھەر خىل تىپتىكى ئائىلە تەربىيەسى، ئائىلە ئىستىلى ھېكايىلىرى ئارقىلىق، جۇڭخۇا ئائىلە ئىستىلىنىڭ ھاياتىي كۈچى، ئۇيۇشۇش كۈچى ۋە ئۇنىڭ يېڭى دەۋردىكى قىياپىتى نامايان قىلىندى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى