باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «ئۆلكە دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ تېرىلغۇ يەرنى قوغداش مەسئۇلىيەت نىشانىنى باھالاش چارىسى»نى بېسىپ تارقاتتى

2018.01.19 16:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «ئۆلكە دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ تېرىلغۇ يەرنى قوغداش مەسئۇلىيەت نىشانىنى باھالاش چارىسى»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «چارە» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقاتتى، بېسىپ تارقاتقان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

  «چارە»دە مۇنۇلار تەكىتلەندى: تېرىلغۇ يەرنى قوغداش قىزىل سىزىقىنى چىڭ ساقلاپ، مەڭگۈلۈك ئاساسىي ئېتىزلارنى قاتتىق قوغداپ، ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تېرىلغۇ يەرنى قوغداش مەسئۇلىيەت نىشانىنى باھالاش تۈزۈمىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ھەر قايسى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى «مەملىكەت بويىچە يەر ئىشلىتىش ئومۇمىي پىلان تېزىسى»دا بېكىتىلگەن ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ تېرىلغۇ يەر كاپالەت مىقدارى، مەڭگۈلۈك ئاساسىي ئېتىزلارنى قوغداش كۆلىمى ۋە يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشى، ئۆلكە باشلىقى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنىڭ باشلىقى 1-مەسئۇل كىشى بولۇشى كېرەك.

  «چارە»دە مۇنداق بەلگىلەندى: گوۋۇيۈەن ھەر قايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تېرىلغۇ يەرنى قوغداش مەسئۇلىيەت نىشانىنى ئادا قىلىش ئەھۋالىنى باھالايدۇ، دۆلەت زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقى يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى، دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى بىلەن بىرلىكتە باھالاش-تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ. يىللىق ئۆز-ئۆزىنى تەكشۈرۈش، مەزگىل ئىچىدە تەكشۈرۈش، مەزگىل ئاخىرىدا باھالاشنى ئۆز-ئارا بىرلەشتۈرۈش چارىسى قوللىنىلىدۇ. يىللىق ئۆز-ئۆزىنى تەكشۈرۈش يىلدا بىر قېتىم بولىدۇ، ھەر قايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ئۆزلىرى تەشكىللەپ قانات يايدۇرىدۇ؛ 2016-يىلىدىن باشلاپ ھەر بەش يىل بىر يىرىك پىلان مەزگىلى قىلىنىپ، مەزگىل ئىچىدىكى تەكشۈرۈش ھەر بىر يىرىك پىلان مەزگىلىنىڭ 3-يىلىدا بىر قېتىم قانات يايدۇرۇلىدۇ؛ مەزگىل ئاخىرىدىكى باھالاش ھەر بىر يىرىك پىلان مەزگىلى ئاخىرلاشقاندىن كېيىنكى يىلدا بىر قېتىم قانات يايدۇرۇلىدۇ. مەزگىل ئىچىدىكى تەكشۈرۈش ۋە مەزگىل ئاخىرىدىكى باھالاشتا ھەر قايسى ئۆلكىلەرنىڭ تېرىلغۇ يەرنى قوغداش مەسئۇلىيەت نىشانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالى ئۇنىۋېرسال باھالىنىپ، نومۇر قويۇپ رەتكە تىزىلىدۇ.

  «چارە»دە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئالاقىدار تارماقلار «مەملىكەت بويىچە يەر ئىشلىتىش ئومۇمىي پىلان تېزىسى»دا بېكىتىلگەن ئالاقىدار كۆرسەتكۈچ ۋە يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسى، تېرىلغۇ يەرنى تولۇقلاشنى دۆلەت بىر تۇتاش پىلانلاش، ئېكولوگىيە سەۋەبلىك تېرىلغۇدىن قايتۇرۇش، ئاپەتتە ۋەيران بولغان تېرىلغۇ يەر قاتارلىق ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن، ھەر قايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايونى، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ تېرىلغۇ يەر كاپالەت مىقدارى ۋە مەڭگۈلۈك ئاساسىي ئېتىزنى قوغداش كۆلىمى قاتارلىقلارغا باھالاش-تەكشۈرۈش كۆرسەتكۈچى چۈشۈرۈلۈپ، ئۆلكە دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ تېرىلغۇ يەرنى قوغداش مەسئۇلىيەت نىشانى قىلىنىدۇ. مەملىكەت بويىچە يەر ئىشلىتىشنى ئۆزگەرتىش تەكشۈرۈشى تەمىنلىگەن ھەر قايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ تېرىلغۇ يەر كۆلىمى، ئېكولوگىيە سەۋەبلىك تېرىلغۇدىن قايتۇرۇش كۆلىمى، مەڭگۈلۈك ئاساسىي ئېتىز كۆلىمىنىڭ سانلىق مىقدارى ۋە تېرىلغۇ يەر سۈپىتىنى تەكشۈرۈپ باھالاش بىلەن دەرىجىگە ئايرىپ بېكىتىش نەتىجىسى باھالاش ئاساسى قىلىنىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر