باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭ يېڭى ئايرودوروم قۇرۇلۇشى جەريانىدا كۆچۈرۈۋېتىلگەن ئاھاللىلەر 9- ئايدا قايتا كۆچۈرۈپ كېلىنىدۇ

2018.01.19 14:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ بېيجىڭ شەھىرى داشىڭ رايونلۇق ئىككى يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە: بېيجىڭدىكى يېڭى ئايروپورت ئەتىراپىغا جايلاشتۇرۇلغان ئومۇمىي كۆلىمى بىر مىليون 950 مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان ئورۇنلاشتۇرما تۇرالغۇ ئۆيلەرنىڭ ئاساسى گەۋدە قۇرۇلۇشى پۈتۈپ، بىنا ئۆگزىلىرىنىڭ يېپىلىشى تاماملانغان. بۇنىڭ بىلەن، شۇ ئەتىراپتىكى ئاھالىلەر 15 مىڭ يۈرۈش ئۆي بىلەن تەمىنلىنىدىكەن. مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ يىل 9- ئايدىن بۇرۇن بارلىق ئورۇنلاشتۇرما تۇرالغۇ ئۆيلەر تولۇق پۈتۈپ ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇپ بېرىلىدىكەن. بۇنىڭ بىلەن، 7000دىن كۆپرەك كۆچۈرۈۋېتىلگەن ئاھالىلەر قايتىپ كۆچۈپ كىلىدىكەن. پۈتكۈل تۈرلەر پۈتكەندىن كېيىن، بۇ جاي 40 مىڭدىن ئارتۇق ئاھالە سىغىدىغان زامانىۋى ئولتۇراق رايونغا ئايلىنىدىكەن.

  يېڭى ئايروپورت ئەتىراپىدىكى ئورۇنلاشتۇرما ئولتۇراق ئۆيلەر تۈرىنىڭ ئومۇمىي قۇرۇلۇش كۆلىمى تەخمىنەن 71.5 گېكتار بولۇپ، ئومۇمىي قۇرۇلۇش كۆلىمى تەخمىنەن بىر مىليون 950 مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدىكەن. بۇ ئولتۇراق رايوندا ئولتۇراق ئۆي بىناسىدىن جەمئىي 136 بىنا بار بولۇپ، ئۇ بىنالارنىڭ يەنە يەر ئاستى ئامبارلىرى ۋە بىر قىسىم يۈرۈشلەشكەن ئەسلىھەلىرىمۇ بار ئىكەن، ئاساسلىقى يۈفا ۋە لىشەندىن ئىبارەت ئىككى چوڭ گۇرۇپپا ئولتۇراق رايون قورۇسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. ھازىرغا قەدەر، ئۇنىڭدىكى بارلىق گالېرىيەلەرنىڭ ئاساسىي قۇرۇلمىلىرى، ھەمدە ئۆي ئىچىنى بېزەش ئىشلىرىنىڭ %80ى ۋە سىرتقى تىك كۆرۈنۈش قۇرۇلۇشلىرى تاماملىنىپ بولغان.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە،ئۇ ئورۇنلاشتۇرما تۇرالغۇ ئۆيلەرنى پىلانلاش ۋە لايىھەلەش جەريانىدا، بارلىق تۇرالغۇ ئۆيلەر يېشىل ئىمارەتلەرنىڭ 2- يۇلتۇز دەرىجىلىك ئۆلچىمىگە يەتكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر