باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىز دېڭىز ساھىلىنى قورشاش ۋە تىندۇرۇشنى ئەڭ قاتتىق تىزگىنلەش-باشقۇرۇش تەدبىرىنى يولغا قويدى

2018.01.18 16:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت دېڭىز - ئوكيان ئىدارىسى 17-يانۋار دېڭىز ساھىلىنى قورشاش ۋە تىندۇرۇش ئەھۋالىدىن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى، دۆلەت دېڭىز-ئوكيان ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لىن شەنچىڭ مۇنۇلارنى جاكارلىدى: دۆلەت دېڭىز-ئوكيان ئىدارىسى دېڭىز ساھىلىنى قورشاش ۋە تىندۇرۇشنى نازارەت قىلىش، تۈزەش خىزمىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، «دېڭىز ساھىلىنى قورشاش ۋە تىندۇرۇشقا ئالاقىدار تارىختىن بۇيانقى ئەڭ قاتتىق تەدبىر» نى قوللىنىپ، قوغداش ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلىدىغان، تۈجۈپىلەپ پايدىلىنىدىغان دېڭىزدىن پايدىلىنىش ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، دېڭىز تەۋەلىكىنى ئېچىش-پايدىلىنىشنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل راۋاجلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.2017- يىلى، دۆلەت دېڭىز-ئوكيان ئىدارىسى گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلاپ ھوقۇق بېرىشى بىلەن، دۆلەت دېڭىز-ئوكياننى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، دېڭىز بويىدىكى 11 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرنىڭ دېڭىز ساھىلىنى قورشاش ۋە تىندۇرۇش ئەھۋالىنى ئىككى تۈركۈمگە بۆلۈپ مەخسۇس نازارەت قىلىشنى قانات يايدۇردى. نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى لياۋنىڭ، خېبېي، جياڭسۇ، فۇجيەن، گۇاڭشى، خەينەندە 1-تۈركۈمدىكى دېڭىز ساھىلىنى قورشاش ۋە تىندۇرۇشنى مەخسۇس نازارەت قىلىشنى قانات يايدۇرۇش بىلەن بىللە، خېبېي، فۇجيەندە ئادەتتتىكى نازارەت قىلىشنى قانات يايدۇردى، ھازىر نازارەت قىلىش پىكرى بۇ جايلارغا ئومۇميۈزلۈك قايتما ئىنكاس قىلىندى.

  ئىستاتىستىكىدىن مەلۇم بولۇشىچە،، 2002-يىلى «دېڭىز تەۋەلىكىدىن پايدىلىنىش، باشقۇرۇش قانۇنى» يولغا قويۇلغاندىن تارتىپ 2017-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە قانۇن بويىچە 158 مىڭ گېكتار كۆلەمدىكى دېڭىزنى تىندۇرۇپ يەر ھاسىل قىلىش تۈرى تەستىقلانغان بولۇپ، دېڭىز بويىدىكى رايونلارنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكى يېڭىدىن كۆپەيگەن قۇرۇلۇش يېرىنىڭ %12 ىنى، دېڭىز-ئوكيان ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى مەملىكەت ئىچى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %9.5 ىنى ئىگىلەپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، دېڭىز بويى رايونلىرىنىڭ قۇرۇلۇش بوشلۇقى يېتىشمەسلىكنى تولۇقلاشنى مۇھىم كاپالەتكە ئىگە قىلغان.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر