باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شاڭخەيدە تۇنجى تۈركۈمدىكى چەتئەللىك يۇقىرى تېخنىكىلىق ئىختىساسلىقلارنى جەزىملەشتۈرۈش خېتى ئىمزالاندى

2018.01.17 16:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 15- چېسلا، شاڭخەي شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى (شاڭخەي شەھەرلىك چەتئەل مۇتەخەسسىسلىرى ئىدارىسى) ئالىي مەكتەپ، پەن تەتقىقات يۇرتى، تاشقى مەبلەغ تەتقىقات مەركىزى قاتارلىق ئورۇنلاردىن كەلگەن سەككىز نەپەر چەتئەللىك يۇقىرى تېخنىكىلىق ئىختىساسلىقلار ئۈچۈن تۇنجى تۈركۈمدىكى چەتئەللىك يۇقىرى تېخنىكىلىق ئىختىساسلىقلارنى جەزىملەشتۈرۈش خېتىنى تارقاتتى. بۇ شۇنىڭدىن دېرەك بېرىدۇكى، بۇ يۇقۇرى دەرىجىلىك ئىقتىساسلىقلار قولىدىكى ئاشۇ خەتكە ئاساسەن، يەنى چەتئەللىك يۇقىرى تېخنىكىلىق ئىختىساسلىقلارنى جەزىملەشتۈرۈش خېتىگە ئاساسەن، دۆلىتىمىزنىڭ چەتئەلدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا-كونسۇلخانىلىرىدىن بەش يىلدىن 10 يىلغىچە چېگرادىن كۆپ قېتىم كىرىپ-چىقىشقا بولىدىغان چەتئەللىك ئىختىساسلىقلار ۋىزىسى (يەنى R ھەرپلىك ۋىزا)غا ئېرىشەلەيدۇ، ھەمدە ھەر قېتىم دۆلىتىمىز چېگراسى ئىچىدە ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا 180 كۈن تۇرۇش مۇددىتىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئىختىساسلىقلار ۋىزىسىغا ئېرىشكەن چەتئەللىك ئىختىساسلىقلارنىڭ جورىسى ۋە ئۇلارنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەن پەرزەنتلىرى، تۇرۇش مۇددىتى يۇقىرىقى بىلەن ئوخشاش بولغان، ھەمدە كۆپ قېتىم چېگرادىن كىرىپ-چىقالايدىغان ۋە مۇناسىپ تۈردىكى ۋىزىغا ئېرىشەلەيدۇ.

  چەتئەللىك يۇقىرى تېخنىكىلىق ئىختىساسلىقلارنى جەزىملەشتۈرۈش خېتىنىڭ ئىمزالىنىشى، چەتئەللىك يۇقىرى تېخنىكىلىق ئىختىساسلىقلارنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ خىزمەت قىلىشىغا زور دەرىجىدە قولايلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ. ئەھۋاللارغا ئاساسلانغاندا، شاڭخەي شەھىرىدە چەت ئەلدىن ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش خىزمىتىنىڭ ئىشلىنىشى باشتىن-ئاخىر مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇپ كەلگەن. 2017- يىلنىڭ ئاخىرىغىچە، شاڭخەيدە چەتئەللىكلەرنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ خىزمەت قىلىش ئىجازىتى ئۈستىدە كەسپىي ئىش بېجىرىش مىقدارى ۋە ئىجازەتنامە تارقىتىش مىقدارى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرغان. بۇنىڭ ئىچىدە، شاڭخەيدىكى چەتئەللىك يۇقىرى تېخنىكىلىق ئىختىساسلىقلار (A تۈردىكىلەر)نىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %15.83 بولۇپ، مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن خېلىلا ئېشىپ كەتكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر