باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شۈنفېڭ تېز توشۇش مۇلازىمىتى جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ قوش يۆنىلىشلىك لىنىيەسى ئېچىلدى

2018.01.17 16:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:«شۈنفېڭ تېز توشۇش مۇلازىمىتىنىڭ مەملىكەت بويىچە تۇنجى قېتىملىق جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى (فىنلاندىيە-گەنجۇ پورتى، گەنجۇ پورتى-روسىيە) قوش يۆنىلىشلىك لىنىيەسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى» يېقىندا جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ گەنجۇ پورتىدا ئۆتكۈزۈلدى.

  بۇ قېتىم، فىنلاندىيەدىن گەنجۇ پورتىغىچە قاتنايدىغان نۆۋەتچى پويىزغا 41 كونتېينېرلىق ۋە ئومۇمىي قىممىتى تەخمىنەن 700 مىڭ دوللارلىق فىنلاندىيە قارىغىيى بېسىلغان بولۇپ، ئۇ نۆۋەتچى پويىز مانجۇلى تەرەپتىكى چېگرادىن ئۆتۈپ، گەنجۇ پورتىغا كىرگۈزۈلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، گەنجۇ پورتىدىن چىقىپ رۇسىيەگە قاتنايدىغان نۆۋەتچى پويىزغا ئۈچ مىليون 600 مىڭ دوللار قىممىتىدىكى ئۆي جاھازلىرى، كىيىم-كېچەكلەر، ئائىلە ئېلېكتر سايمانلىرى ۋە ئاشخانا سايمانلىرى قاتارلىق 41 كونتېينېرلىق ماللار بېسىلغان بولۇپ، ئۇ نۆۋەتچى پويىز مانجۇلى تەرەپتىكى چېگرادىن چىققاندىن كېيىن، تەخمىنەن 12 كۈندىن كېيىن موسكۋانىڭ ۋولسىنو مال پونكىتىغا يېتىپ بارىدىكەن.

  نۆۋەتتە جۇڭگو فىنلاندىيەنىڭ ھەرىدەلگەن تاختا-پەنلەرنى ئېكسپورت قىلىشتىكى ئەڭ چوڭ ئېكسپورت بازىرىغا ئايلاندى، 2017- يىلى فىنلاندىيەدىن جۇڭگوغا ئېكسپورت قىلىنغان ھەرىدەلگەن تاختا-پەنلەرنىڭ سانى بىر مىليون 700 مىڭ كۇب مېتىردىن ئاشقان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە %25تىن كۆپرەكى گەنجۇ نەنكاڭغا ئېكسپورت قىلىنغان. بىر يىلدىن بۇيان، گەنجۇ پورتى «نەنكاڭنى، ھەتتا گەنجۇ رايونىنى< بىر بەلباغ، بىر يول>نى ئۇلاشتۇرىدىغان مۇھىم تۈگۈن شەھەر ۋە خەلقئارا مال يىغىش-تارقىتىش ئورنى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش» نىشانىنى زىچ چۆرىدىگەن ھالدا، قۇرۇپ چىقىش ۋە تىجارەت قىلىش ئىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشنى تېزلەتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر