باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ 11 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 7 - قېتىملىق ئىجرائىيە كومىتېتى يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى

2018.01.17 16:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1- ئاينىڭ 15- كۈنى، مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ 11 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 7- قېتىملىق ئىجرائىيە كومىتېتى يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى، مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى شېن يۆيۆ يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، كەڭ ئاياللارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، يېڭى دەۋردە تۆھپە يارىتىش كېرەك.

  شېن يۆيۆ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ھەر دەرىجىلىك ئاياللار بىرلەشمىلىرى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، چۈشىنىپ ئۈگىنىش، ئىگىلەش ۋە ئەمەلىيەشتۇرۇشتە كۈچ سەرپ قىلىپ، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»تە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ئاياللار تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي ماڭغۇسى.

  شېن يۆيۆ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: 19- قۇرۇلتاينىڭ تەدبىر ۋە ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ھەقىقىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۇنىڭ سىياسىيلىقى، ئىلغارلىقى ۋە ئاممىۋىلىقىنى ئاشۇرۇشنى چۆرىدەپ، ئىدىيىۋى-سىياسىي ھوقۇق ۋە مەنپەئەتنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، ئاياللار بىرلەشمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كەڭ ئاياللارنى سەپەرۋەر قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىكى «يېرىم دۇنيا»لىق رولىمىزنى جارى قىلدۇرۇشىمىز كېرەك. پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىستىلى دۇرۇسلۇققا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر