باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى: جۇڭگو تەرەپ چاۋشيەن-كورېيە ئىككى تەرەپ يۇقىرى دەرىجىلىكلەر سۆھبىتىنىڭ ئىجابىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى ئالقىشلايدۇ

2018.01.11 15:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لۇ كاڭ 10- نويابىر رەسمىيەتلىك مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنداق دېدى: جۇڭگو تەرەپ چاۋشيەن-كورېيە ئىككى تەرەپ يۇقىرى دەرىجىلىكلەر سۆھبىتىنىڭ ئىجابىي نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى ئالقىشلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  بۇ ھەقتىكى دوكىلاتلارغا ئاساسلانغاندا، 9- چېسلا چاۋشيەن بىلەن كورىيە ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن يۇقىرى دەرىجىلىكلەر سۆھبىتىدىن كېيىن، ئىككى تەرەپ بىرلەشمە خەۋەر ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن. ئۇ يىغىندا مۇنداق دېيىلگەن: ئىككى تەرەپ پىڭچاڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ھەمكارلىشىش ۋە جىددىي ھەربىي ئىشلارنى پەسەيتىش قاتارلىق ئىشلار توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلدى. تەھلىلدىن قارىغاندا، بۇ، چاۋشيەن بىلەن كورىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئىلگىرىكى قېتىپ قالغان مۇناسىۋەتتە زور بۆسۈش قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  لۇ كاڭ ئالاقىدار سوئاللارغا جاۋاب بەرگەندە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بۇ مەسىلىگە دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى، يەنى چاۋشيەن يېرىم ئارىلىدا يېقىندىن بۇيانقى شىمال-جەنۇپ ئىككى تەرەپنىڭ بىر-بىرىگە ئۆزئارا تۈرتكە بولىدىغان بىر قاتار ھەرىكەتلىرىگە ئىزچىل دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى بايقاپ تۇرىۋاتىدۇ. جەنۇب-شىمال ئىككى تەرەپ يېرىم ئارال ۋەزىيىتى ئىنتايىن كەسكىن ھالەتتە تۇرىۋاتقان پەيتتە بىر-بىرىگە ئۆزئارا ياردەم قوللىرىنى سۇنۇشتى. بۇنى رىغبەتلەندۈرۈشكە ئەرزىيدۇ .

  ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو تەرەپ چاۋشيەن-كورېيە ئىككى تەرەپ يۇقىرى دەرىجىلىكلەر سۆھبىتىنىڭ ئىجابىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى ئالقىشلايدۇ. چاۋشيەن يېرىم ئارىلىغا قوشنا بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو تەرەپ چاۋشيەن-كورىيە ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزئارا يىرىك مۇناسىۋىتىنى پەسەيتىش جەھەتتە ئاكتىپ تەدبىر قوللانغانلىقىنى قارشى ئالىدۇ ھەم قوللايدۇ، ئىككى تەرەپنىڭ پىڭچاڭدا قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشىنى بىر پۇرسەت دەپ بىلىپ، مۇناسىۋەتنى ياخشىلاپ، ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  لۇ كاڭ يەنە مۇنداق دېدى: مەن شۇنى قايتا تەكىتلەشنى خالايمەنكى، خەلقئارا جەمئىيەت بۇنى تولۇق چۈشىنىشى ۋە قوللىشى كرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر