1- ئاينىڭ 9- كۈنى تارتىلغان دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى نەق مەيدانى .
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ كۈنى، ئاممىنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، بەزى دوختۇرخانىدا ئوسېلتامىۋىر قاتارلىق زۇكام ۋىرۇسىغا قارشى دورىلارنى كەستۈرۈش تەس بولۇشتەك مەسىلىگە قارىتا، دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى داۋالاش ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جياۋ ياخۇي مۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ھازىرقى ئەھۋالدىن ئېيتقاندا، دۆلىتىمىزنىڭ ۋىرۇسقا قارشى دورا بىلەن تەمىنلەش كاپالىتى يېتەرلىك بولغاچقا، پۈتۈن مەملىكەتتىكى داۋالاش ئاپپاراتلىرىدىن ۋاقىتلىق سېتىۋېلىش تەدبىرلىرىنى جىددىي قوللىنىپ، ۋىرۇسقا قارشى دورا بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەكلىكى تەلەپ قىلىندى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى