باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بۇ يىل ئېلىمىز بىر تۈركۈم زور سۇ ئىنشائات تۈرلىرىدە يېڭىدىن ئىش باشلايدۇ

2018.01.03 14:50         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سۇچىلىق مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىل ئېلىمىز بىر تۈركۈم زور سۇ ئىنشائات تۈرلىرىدە يېڭىدىن ئىش باشلايدۇ، مەركەز بېكىتكەن 2018-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن ئىلگىرى دەريا ۋە كۆل باشلىقى تۈزۈمى ۋەزىپىسىنى ئورنىتىشنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئورۇنلاشتىن ئۈمىد بار.

  سۇچىلىق مىنىستىرلىقىنىڭ مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە: 2017-يىلى ئېلىمىز يېڭىدىن ئىش باشلىغان سۇ تېجەش سۇ بىلەن تەمىنلەشتىكى 16 نۇقتىلىق سۇ ئىنشائات قۇرۇلۇشى ھۆكۈمەت خىزمىتى دوكلاتىدا نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئورۇنلاش ئايدىڭلاشتۇرۇلغان يىللىق ۋەزىپە، يىللىق مەركەزنىڭ سۇ ئىنشائات ئىشلىرىغا مەبلەغ سېلىش پىلانىنىڭ ئورۇنلىنىش نىسبىتى %94 گە يەتتى، سۇچىلىق مىنىستىرى چېن لېي بۇ يىل يەنە بىر تۈركۈم زور سۇ ئىنشائات تۈرلىرىدە يېڭىدىن ئىش باشلىنىدۇ دېدى.

  چېن لېي مۇنداق دېدى: جۇجياڭ دېلتىسىنىڭ سۇ بايلىقىنى تەقسىملەش، خۇەيخې دەرياسىنىڭ دېڭىزغا قۇيۇلۇش يولى 2- باسقۇچلۇق قۇرۇلۇشى ، شىنجاڭنىڭ يۇرۇڭقاش دەرياسى، سىچۈەننىڭ داچياۋ سۇ ئامبىرى سۇغۇرۇش رايونى 2- باسقۇچلۇق قۇرۇلۇشىنىڭ ئالدىنقى مەزگىلدىكى خىزمەت سالمىقىنى زورايتىپ، خۇاڭخې دەرياسىنىڭ گۇشيەن قاتارلىق قۇرۇلۇشىنىڭ ئالدىنقى مەزگىلىدىكى قۇرۇلۇشنى دەلىللەپ، بىر تۈركۈم سۇ تېجەش سۇ بىلەن تەمىنلەشتىكى زور سۇ ئىنشائات قۇرۇلۇشىدا يېڭىدىن ئىش باشلىنىدۇ. نۇقتىلىق سۇ ئىنشائات قۇرۇلۇشىنىڭ قەدىمى تىزلىتىلىدۇ. پۈتكەن قۇرۇلۇشلارنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، قۇرۇلۇشتا ئۈنۈمنى بالدۇرراق ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۈچ چىقىرىلىدۇ.

  چېن لېي مۇنۇلارنى تونۇشتۇردى: 2017-يىلى مەملىكەت بويىچە دەريا باشلىقى تۈزۈمىنى يولغا قويۇشتا زور ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. ئۆلكە، شەھەر ، ناھىيە، يېزىدىن ئىبارەت تۆت دەرىجىلىك خىزمەت لايىھەسى ئومۇميۈزلۈك يولغا چىقىرىلدى، ئالتە تۈرلۈك يۈرۈشلەشكەن تۈزۈم ئاساسىي جەھەتتىن ئورنىتىلدى، يېزا دەرىجىلىكتىن يۇقىرى دەريا باشلىقى 310 مىڭغا، كەنت دەرىجىلىك دەريا باشلىقى 620 مىڭغا يەتتى؛ كۆل باشلىقى تۈزۈمى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلدى. مەركەز بېكىتكەن 2018-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن دەريا باشلىقى ۋە كۆل باشلىقى تۈزۈمى ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئورنىتىشنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئورۇنلاشتىن ئۈمىد بار.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر