باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تىجارەتتىكى مۇلازىمەت خاراكتېرلىك ھەق تىزىملىكى مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلدى

2018.01.03 14:49         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ھەقنى ئېنىقلاش يۈكنى يېنىكلىتىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، ھۆكۈمەت بېكىتكەن باھادىكى تىجارەتتىكى مۇلازىمەت خاراكتېرلىك ھەق ئېلىشنى ئېنىقلاش ۋە رەتكە سېلىش ئاساسىدا دۆلەتلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى يېقىندا مەملىكەت بويىچە ھۆكۈمەت بېكىتكەن باھادىكى تىجارەتتىكى مۇلازىمەت خاراكتېرلىك ھەق مۇندەرىجە تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى. ھەمدە ھۆكۈمەت بېكىتكەن باھادىكى تىجارەتتىكى مۇلازىمەت خاراكتېرلىك ھەق تۈرىنى زور دەرىجىدە تارايتتى، بۇنىڭ ئىچىدە مەركەز بېكىتكەن باھادا ھەق ئېلىش تۈرى 13 تىن بەشكە يەنى %62 ئازايتىلدى؛ يەرلىك بېكىتكەن باھادا ھەق ئېلىش تۈرى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر بىر ئۆلكىنىڭ 25 تىن 13 كە يەنى %48 ئازايتىلدى.

  مۇندەرىجە تىزىملىكىدىن باشقا ھۆكۈمەت بېكىتكەن باھادىكى تىجارەتتىكى مۇلازىمەت خاراكتېرلىك ھەق تۈرى بىردەك بولسا بولمايدۇ. بۇ قېتىمقى تىزىملىك زور دەرىجىدە تارايتىلدى. ئالدى بىلەن بىر تۈركۈم بازاردىكى رىقابەت شارائىتىنى ھازىرلىغان، مەمۇرىي تەستىقلاشتىن ئىلگىرىكى ئىش تۈرى قىلىنمايدىغان، مۇلازىمەت مەزمۇنىدا مەجبۇرى تۈر بولمىغانلار قويۇۋېتىلدى؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بىر تۈركۈم ھەق ئېلىش خاراكتېردە ئۆزگىرىش بولغان، ئالاقىدار ھەققە مالىيە كاپالەتلىك قىلىدىغان تۈرلەر ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى؛ بىر تۈركۈم خاراكتېرى، مەزمۇنى يېقىن بولغان تۈرلەر رەتكە سېلىنىپ قېلىپلاشتۇرۇلدى. كېيىنكى باسقۇچتا دۆلەتلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى مۇندەرىجە تىزىملىكىنى ھەرىكەتلىك باشقۇرۇپ، قالايمىقان ھەق ئېلىش قىلمىشلىرىنى مەنبەسىدىن ئالدىنى ئالىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر