- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
تۆت ئۆلكە مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرىنىڭ ئىش ئورنى تەڭشەلدى
2018.01.03 14:49 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
تيەنجىن شەھەرلىك 16-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 41 -سانلىق يىغىنىدا تۈنۈگۈن جاڭ گوچىڭنى تيەنجىن شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى، مۇۋەققەت شەھەر باشلىقلىقىغا تەيىنلەش قارار قىلىندى.
جىلىن ئۆلكىلىك 12-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 39 -سانلىق يىغىنىدا تۈنۈگۈن ليۇ گوجوڭنىڭ جىلىن ئۆلكىسىنىڭ ئۆلكە باشلىقى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىش، جىڭ جۈنخەينى جىلىن ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، مۇۋەققەت ئۆلكە باشلىقلىقىغا تەيىنلەش قارار قىلىندى.
فۇجيەن ئۆلكىلىك 12-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 33 -سانلىق يىغىنىدا تۈنۈگۈن يۈ ۋېيگونىڭ فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ ئۆلكە باشلىقى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىش، تاڭ دېڭجيەنى فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، مۇۋەققەت ئۆلكە باشلىقلىقىغا تەيىنلەش قارار قىلىندى.
چۇڭچىڭ شەھەرلىك 4-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 44 -سانلىق يىغىنىدا تۈنۈگۈن جاڭ گوچىڭنىڭ چۇڭچىڭ شەھىرىنىڭ باشلىقى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىش، تاڭ لياڭجىنى چۇڭچىڭ شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، مۇۋەققەت شەھەر باشلىقلىقىغا تەيىنلەش قارار قىلىندى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر