باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەتلىك ساياھەت ئىدارىسى 2018-يىلى يېڭى يىللىق ساياھەت بازىرى ئەھۋالىنى ئېلان قىلدى

2018.01.03 14:48         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2018-يىلى يېڭى يىللىق ئارام ئېلىش ئاياغلاشتى، ئىگىلىنىشچە، دەم ئېلىش كۈنلىرى مەزگىلىدە مەملىكەت بويىچە ساياھەت بازىرى تەكشى مۇقىم بولغان، پەۋقۇلئاددە زور ساياھەت بىخەتەرلىك ۋەقەسى يۈز بەرمىگەن، دۆلەتلىك ساياھەت ئىدارىسى سانلىق مەلۇمات مەركىزىنىڭ ئۇنىۋېرسال ھېسابلىشىچە، يېڭى يىل مەزگىلىدە مەملىكەت بويىچە دۆلەت ئىچىدىن 133مىليون ئادەم قېتىم ساياھەتچى كۈتۈۋېلىنغان بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.08ئاشقان، دۆلەت ئىچى ساياھەت كىرىمى 75 مىليارد 500مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.22 ئاشقان.

  جايلاردا ئوتتۇرا مۇساپىلىك ساياھەتكە چىقىش ئۇسۇلى ئاساس بولغان، شەھەر ئەتراپىدا ساياھەت قىلىش، شەھەر ئەتراپىدا سەيلە قىلىش، يېزا قىشلاقلارغا بېرىش قاتارلىقلار ئاساسى ئېقىم بولغان، ئۆزى ماشىنا ھەيدەپ ساياھەت قىلىدىغانلار بىرقەدەر كۆپ بولغان، مەنزىل تەقسىملىنىشىدىن قارىغاندا مەملىكەت بويىچە ساياھەت بازىرىدا جەنۇبىدا تۆۋەن بولۇش، شىمالدا يۇقىرى بولۇش ۋەزىيىتى بىرقەدەر روشەن بولغان، قار مۇز ساياھىتى، ئارىشاڭ ساياھىتى، قىشلاش ساياھىتى قاتارلىقلار قىزىق نۇقتا بولغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر