باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يېڭى يىلنىڭ تۇنجى كۈنى دۆلەت بايرىقى ھەممە يەردە جەۋلان قىلدى

2018.01.03 14:47         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېڭى يىلىنىڭ بىرىنچى كۈنى سەھەردە پايتەخت بېيجىڭدىن چېگرىدىكى قاراۋۇلخانىلارغىچە، قارلىق ئېگىزلىكتىن ئىسسىق بەلباغ دېڭىز ئاراللىرىغىچە، بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق ھەممە يەردە جەۋلان قىلىپ ۋەتەن مۇھەببىتى ئەكس ئەتتى.

  يېڭى يىلنىڭ بىرىنچى كۈنى 2018-يىلىنىڭ تۇنجى ئاپتىپى بىلەن ئىللىق كىرىپ كەلدى، ۋەتەننىڭ ئەڭ شەرقىدىكى خېيشيازى ئارىلىنىڭ شەرقىدىكى قاراۋۇلخانىدا ئوفىتسېر ئەسكەرلەر دۆلەت بايرىقى چىقىرىپ، دۆلەتكە مەدھىيە ئوقۇيدىغان ناخشىلارنى ئېيتىپ، دۆلەت بايرىقىغا ئېھتىرام بىلدۈردى، ۋەتەننىڭ ئەڭ جەنۇبىدىكى خەينەن سانشا يوڭشىڭ ئارىلى ۋە جەنۇبىي دېڭىزدىكى نۇرغۇن ئاراللاردا بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق چىقىرىلدى، گۇيجۇ چيەنشى ناھىيەسىنىڭ ئەڭ چەت يىراق تاغلىق رايوندىكى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى، جياڭشى ۋەنزەي خوڭچى يېڭى كەنتىدىكى بېيىغان كەنت ئاھالىلىرى، گەنسۇ جاڭيې گوشۇ كەنتىدىكى باغۋەنلەر، جېجياڭ دېچىڭ چاي يۇرتىدىكى چايكارلار مۇقەددەس دۆلەت شېئىرى ساداسى ئىچىدە بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقنىڭ چىقىرىلىشىغا شاھىت بولدى.

  مەيلى يىراق ئارال، چېگرا رايون، ياكى شەھەر، چەت يىراق يېزا كەنتلەردە بولسۇن، مەيلى بوۋاي موماي ياكى بالىلار بولسۇن بارلىق كائىنات، بارلىق كىشىلەر مۇقەددەس قىزىل يۇلتۇزلۇق بايراقنىڭ غايەت زور ھەيۋىتىنى ھېس قىلىپ يەتتى.

  يېڭى يىلنىڭ بىرىنچى كۈنى جۇڭگو ۋىيېتنام چېگراسى گۇاڭشى پىڭشياڭ دوستلۇق تاموژنىسى، جۇڭگو بېرما چېگراسى يۈننەن رۇيلىدا داغدۇغىلىق دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى، بۇ كۈنى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمەت ۋە ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمەت ئايرىم ئايرىم بايراق چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى، داغدۇغىلىق بايراق چىقىرىش مۇراسىمى نۇرغۇن شەھەر ئاھالىلىرى ۋە ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر