باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2017-يىلى ئىدىيەۋى، مەدەنىيەت تەشۋىقات سېپى پارتىيە، خەلقىنى يېڭى دەۋرگە جاسارەت بىلەن ئاتلىنىپ، يېڭى مۇساپە ئېچىشقا ئىلھاملاندۇردى

2018.01.03 14:46         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2017-يىلىنى ئەسلەيدىغان بولساق، ئىدىيەۋى، مەدەنىيەت تەشۋىقات سېپى پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنى كۈتۈۋېلىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەنى چۆرىدەپ، تېخىمۇ ياڭراق ئاساسىي مېلودىيە، تېخىمۇ كۈچلۈك ئىجابىي كۈچ ئارقىلىق، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى يېڭى دەۋرگە جاسارەت بىلەن ئاتلىنىپ، يېڭى مۇساپىنى ئېچىشقا ئىلھاملاندۇردى.

  2017-يىلى 10-ئاينىڭ 24-كۈنى پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى يېپىلدى. مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى مەركەزنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە تەشكىللەپ قۇرغان مەركەز لېكسىيە ئۆمىكى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا بېرىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلدى. ئەڭ مۇھىمى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى تەشۋىق قىلدى.

  36 مەيدان لېكسىيە سۆزلىدى، 60 مەيدانغا يېقىن تۈرلۈك شەكىلدىكى ئۆز ئارا ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى، لېكسىيەنى بىۋاسىتە ئاڭلىغانلار 520 مىڭ كىشىدىن ئاشتى. تېلېۋىزىيە، تور قاتارلىق تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق تەشۋىقات لېكسىيەسىنى ۋاسىتىلىك كۆرگەنلەر ۋە ئاڭلىغانلار 21 مىليوندىن ئاشتى. مەركىزىي كومىتېت لېكسىيە ئۆمىكى كارخانا، يېزا، ئىدارە، ئورگان، مەكتەپ، مەھەللە، ئارمىيە قىسىمغا بېرىپ ۋە تورغا چىقىپ، جايلاردىكى كادىرلار ۋە ئامما بىلەن يۈزتۇرانە پىكىر ئالماشتۇرۇپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ۋە جانلىق، توغرا چۈشەندۈرۈپ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى خەلق ئاممىسى چۈشىنەلەيدىغان، ئۆزلەشتۈرەلەيدىغان ۋە ئەمەلىيلەشتۈرەلەيدىغان قىلىپ، تولۇق چۈشەندۈردى.

  پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەت شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش قىزغىن دولقۇنى داۋامىدا، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى (گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى) ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە تۈزگەن «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» دېگەن كىتابنىڭ ئىككىنچى تومى ھەرقايسى چوڭ كىتابخانىلارغا تىزىلىپ، جۇڭگولۇق ۋە چەتئەللىك ئۇقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتى.

  «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» دېگەن كىتابنىڭ ئىككىنچى تومى ۋە 2014-يىلى 9-ئايدا نەشردىن چىققان «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» دېگەن كىتابنىڭ بىرىنچى تومىدا، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ تەرەققىيات يولى ۋە ئاساسىي مەزمۇنى مەركەزلىك ئىپادىلەنگەن بولۇپ، پۈتۈن پارتىيە ۋە جەمئىيەتنىڭ پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى نوپۇزلۇق ماتېرىيال بىلەن تەمىنلىدى.

  ئۆتكەن بىر يىلدا، نەزەرىيە خىزمىتىنىڭ «تۆت چوڭ سۇپىسى» قۇرۇلۇشى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلدى، زور ئەمەلىي مەسىلىلەر، زور نەزەرىيەۋى مەسىلىلەر ۋە زور ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش تەجرىبە يەكۈنلىرى چۆرىدەلگەن ھالدا، چوڭقۇر تەتقىق قىلىنىپ، بىر تۈركۈم سالمىقى ۋە چوڭقۇرلۇقى بار تەتقىقات نەتىجىلىرى ئوتتۇرىغا چىقىرىلدى.

  ئۆتكەن بىر يىلدا، كەڭ ئاخبارات خىزمەتچىلىرى پارتىيەنىڭ سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىپ، دەۋر ئىزلىرىنى خاتىرىلىدى. «جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن بەش يىل» ناملىق چوڭ تىپتىكى باش تېمىلىق زىيارەت، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش زور تەدبىرلىرى، يېشىل تەرەققىيات شەكلى ۋە تۇرمۇش شەكلى، «باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقى ئۈچۈن» قاتارلىق يۈرۈشلۈك مەخسۇس تېمىلىق خەۋەرلەر بېرىلدى، ئېسىل، نادىر ئەسەرلەر كۆپلەپ يارىتىلدى.

  پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدىن كېيىن، يېڭى دەۋر، يېڭى كەيپىيات، يېڭى رول ئويناش ناملىق چوڭ تىپتىكى باش تېمىلىق زىيارەت پائالىيىتى ۋە تور باش تېمىلىق پائالىيىتى كۈچلۈك قانات يايدۇرۇلۇپ، جايلار ۋە تارماقلارنىڭ پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ئەمەلىي ھەرىكىتى ھەر تەرەپتىن، كۆپ قاتلاملىق، كۆپ نۇقتىلىق تەشۋىق قىلىندى. ھازىرغا قەدەر مەركەز تاراتقۇلىرى تۈرلۈك خەۋەردىن جەمئىي 20 نەچچە مىڭنى ئېلان قىلدى. ھەرقايسى تاراتقۇلار يەنە تاراتقۇلارنىڭ بىرلىشىپ تەرەققىي قىلىش نەتىجىلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، مىكرو ۋىدىيو، مىكرو كارتون فىلىم قاتارلىقلارنى ئىشلەپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى روھىنى توردا جانلىق تەشۋىق قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر