باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلىتىمىز قانۇن چىقىرىپ، دۆلەتنىڭ ئۇنىۋېرسال دوختۇرلارنى تەربىيەلەش ۋە ئۇلارنى ئىشلىتىشكە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرىدۇ

2017.12.25 15:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا تۇنجى قېتىم مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 31- سانلىق يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇلغان ئاساسىي داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ۋە ساغلاملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇن لايىھەسىدە، دۆلەتنىڭ ئۇنىۋېرسال دوختۇرلارنى تەربىيلەش ۋە ئۇلارنى ئىشلىتىشكە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئۇنىۋېرسال دوختۇرلار ئاساسلىقى ئالدىنى ئېلىش، ساقلىقنى ساقلاش، كۆپ كۆرۈلىدىغان ۋە كۆپ قوزغىلىدىغان كېسەللىكلەرنى داۋالاش ۋە يۆتكەپ داۋالاش، سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە سوزۇلما خارەكترلىق كېسەللىكلەرنى داۋالاش، سالامەتلىك باشقۇرۇش قاتارلىقلار بىر گەۋدىلەشكەن مۇلازىمەتلەرنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

  مەزكۇر لايىھەدە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: دۆلەت كېسەلخانا دوختۇرلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇپ تەربىيەلەش تۈزۈمى ۋە مەخسۇس كېسەللىك دوختۇرلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇپ تەربىيەلەش تۈزۈمىنى ئورنىتىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرىدۇ. كۆلىمى مۇۋاپىق، قۇرۇلمىسى ئورۇنلۇق، تارقىلىشى تەكشى، ساپاسى ئومۇميۈزلۈك بولغان داۋالاش-ساقلىق ساقلاش خادىملىرى قوشۇنىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن، لايىھەدە دۆلەتنىڭ داۋالاش ۋە سەھىيە خادىملىرىنى يېتىشتۈرۈش پىلانىنى تۈزۈپ چىقىپ، ساھە ئالاھىدىلىكىگە ۋە جەمئىيەتنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان داۋالاش-ساقلىق ساقلاش خادىملىرىنى تەربىيەلەش مېخانىزمى ۋە تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياجنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مائارىپ-پەن-مەدەنىيەت-سەھىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى ليۇ بىنجيې تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: تېببىي خادىملارنىڭ ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش جەھەتتە، لايىھەدە «دۆلەت داۋالاش-ساقلىق ساقلاش خادىملىرىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قانۇن بويىچە قوغداپ، داۋالاش-سەھىيە خادىملىرىنىڭ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش مۇھىتىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەكلىكى»، «دۆلەتنىڭ داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش كەسپىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ماس كېلىدىغان كادىرلار ئىشلىرى تۈزۈمى ۋە مائاش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش كېرەكلىكى»؛ پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش خادىملىرىغا ھۆرمەت قىلىشى كېرەكلىكى بەلگىلەندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر