باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «نامرات كەنتلەردە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنى تاللاپ ئەۋەتىش-باشقۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى

2017.12.25 13:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «نامرات كەنتلەردە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنى تاللاپ ئەۋەتىش-باشقۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى ۋە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ جايلار، تارماقلاردىن ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.«نامرات كەنتلەردە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنى تاللاپ ئەۋەتىش-باشقۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»نىڭ تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

  كەنتتە تۇرۇپ ياردەم بېرىشتە ئادەم تاللاش ياخشى بولماسلىق، قاتتىق باشقۇرماسلىق، ئىستىل ياخشى بولماسلىق، تولۇق كاپالەتلەندۈرمەسلىك قاتارلىق مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدىكى جەڭگىۋار قوشۇنلۇق رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، نامرات كەنتلەردە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنى تاللاپ ئەۋەتىش-باشقۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا تۆۋەندىكىدەك يېتەكچى پىكىر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  بىرىنچى، ئومۇمىي تەلەپ

  1. يېتەكچى ئىدىيە. پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىگە ئالاقىدار تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇشىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش ۋە «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈشنى زىچ چۆرىدەپ، يېڭى تەرەققىيات قارىشىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، نامرات ئاھالىلەرنى نامراتلىقتىن پۇختا قۇتۇلدۇرۇشنى نىشان قىلىپ، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ توغرا تاللىنىش، پۇختا ياردەم بېرىش، كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشىش، ئاممىنى رازى قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  2. ئاساسىي پىرىنسىپ

  ___ كەنتكە قاراپ تاللاپ ئىۋەتىش، تۈرگە ئايرىپ تەدبىر قوللىنىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. نامرات كەنتنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىغا ئاساسەن كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنى دەل جايىدا تاللاپ ئىۋەتىش، ئەمەلىي، كارغا كېلىشى كېرەك. كەنت، ئائىلە، كىشى بويىچە تەدبىر قوللىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش ئۈنۈمىنى كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ نەتىجىسىنى باھالاشنىڭ ئاساسى قىلىش كېرەك.

  ___ ناھىيە دەرىجىلىك بويىچە بىر تۇتاش پىلانلاپ، ئومۇميۈزلۈك قاپلاشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ناھىيە دەرىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى ھەر قايسى كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت كۈچلىرىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ بىرلەشتۈرۈپ، ئەۋەتكەن ئورۇننىڭ يۆلەش مەبلىغى ۋە كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىقتىدارى بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنى ئىلمىي قۇرۇپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا بېجىرگەن نامرات كەنتلەردە بىر كەنتتە بىر ئەترەت تۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى پىرىنسىپ بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق 1-شۇجى قوشۇمچە ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

  ___ قاتتىق باشقۇرۇش، ئۈنۈملۈك رىغبەتلەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنى كۈندىلىك باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مۇكەممەل باشقۇرۇش تۈزۈمى ئورنىتىپ، قاتتىق، ئەمەلىي تەلەپ قويۇپ، ياخشى ئىستىل يېتىلدۈرۈش كېرەك. كاپالەتلەندۈرۈش، رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خادىملارنى ئىگىلىك تىكلەش، جاسارەتلىك ۋە ياراملىق بولۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش، مەدەت بېرىش كېرەك.

  ___ نۇقتىنى جەڭگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي ياردەم بېرىپ ئەمەلىي يۆلەشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى جەڭ نىشانى ۋە «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش» نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇپ، بايلىق، كۈچنى نامرات كەنتلەردىكى نامرات ئاممىنى نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلدۇرۇشقا مەركەزلىك ئىشلىتىپ، كەنتتە تۇرۇپ يۆلەش خىزمىتىنى كۆڭۈل قويۇپ، مېھرى بىلەن كۈچەپ ياخشى ئىشلەش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر